قازاقىستان ئالى سوت مەھكىمىسى بىر ئۇيغۇر تەشكىلاتىنىڭ قازاقىستاندىكى ھەركىتىنى چەكلىدى


2004.10.15

قازاقىستان ئالى تەپتىش مەھكىمىسى بىلەن قازاقىستان ئالى سوت مەھكىمىسى جۈمە كۈنى قارار چىقىپ، شەرقىي تۈركىستان ئىسلام ھەرىكىتىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان بەزى تەشكىلاتلارنى قازاقىستاندا پائالىيەت ئېلىپ بېرىشى چەكلىنىدىغان تېرورچى تەشكىلاتلات دەپ ئېلان قىلدى. قازاقىستان ئالى تەپتىش مەھكىمىسىنىڭ تىزىملىكىدىكى قازاقىستاندا پائالىيەت ئېلىپ بېرىشى چەكلەنگەن تەشكىلاتلار شەرقىي تۈركىستان ئىسلام ھەرىكىتىدىن سىرت، ئۆزبېكىستان ئىسلام ھەرىكىتى، كۈردىستان ئىشچىلار پارتىيىسى ۋە ئەل قايدە تەشكىلاتىنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. كۈردىستان ئىشچىلار پارتىيىسى ھازىرقى كۈردىستان خەلق كونگرىسىنىڭ ئەسلى بولۇپ، مەزكۇر تەشكىلات تۈركىيىنىڭ شەرقىي جەنۇبىدىكى كۈرتلەرنىڭ مۇستەقىللىق داۋاسىنى قىلاتتى. سوت مەھكىمىسىنىڭ قارارى بويىچە يۇقىرىقى تەشكىلاتلارنىڭ ۋە ياكى يۇقىرقى تەشكىلاتلار بىلەن ئالاقىدار تەشكىلاتلارنىڭ قازاقىستاندا پائالىيەت ئېلىپ بېرىشى چەكلىنىدۇ.

بىراق سوت مەھكىمىسى قازاقىستاندىكى قايسى تەشكىلات ۋە قانداق تەشكىلاتلارنىڭ يۇقىرىقى تەشكىلاتلار بىلەن ئالاقىدار تەشكىلات ھىساپلىنىدىغانلىقىنى تىلغا ئالمىغان. شەرقىي تۈركىستان ئىسلام ھەركىتى ئىلگىرى قىرغىزىستان، خىتاي، ئافغانىستان ۋە ئامېرىكا قاتارلىق دۆلەتلەرنىڭ تەلىپىگە ئاساسەن ب د ت خەۋپسىزلىك كېڭىشىنىڭ تېرورچى تەشكىلاتلار تىزىملىكىگە ئېلىنغانىدى.بىراق قازاقىستان ئالى سوت مەھكىمىسى ھىزبۇل تەقرىر پارتىيىسىنى قازاقىستاندا چەكلىنىدىغان تەشكىلاتلار قاتارىدا تىلغا ئالمىدى. 11 - سىنتەبىر ۋەقەئىسىدىن كېيىن ئاستانا دائىلىرىنىڭ قازاقىستاندىكى ئۇيغۇرلارغا بولغان بېسىمى تېخىمۇ ئېغىرلاشقان. قازاقىستان ھۆكۈمىتى مەركىزى ئالما-ئاتادىكى ئۇيغۇرىستان خەلق پارتىيىسىنى تارقىتىۋېتىپ، پارتىيە رەھبىرى قەھرىمان غوجامبەردىنى قانۇنسىز تەشكىلات قۇرۇش بىلەن ئەيىپلىگەن ئىدى. (ئەركىن)

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.