قازاقىستان خىتاي بىلەن بولغان مۇناسىۋىتىنى كۈچەيتىشكە ۋەدە بەردى


2004.10.22

قازاقىستان پرېزىدېنتى نۇرسۇلتان نازاربايېف، پەيشەنبە كۈنى خىتاي تاشقى ئىشلار مىنىستىرى لى جياۋشىڭنى قوبۇل قىلىپ، قازاقىستاننىڭ خىتاي بىلەن بولغان ھەمكارلىق مۇناسىۋىتىنى كۈچەيتىشكە تەييارلىقى ھەققىدە ۋەدە بەرگەن.

خىتاينىڭ ھۆكۈمەت زۇۋانى شىنخۋا ئاخبارات ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، قازاقىستان پرېزىدېنتى ئاستانانىڭ بېيجىڭ ھۆكۈمىتى بىلەن خىتايلار تەرىپىدىن ئۈچ خىل كۈچلەر دەپ ئاتالغان تېررورچىلىق، بۆلگۈنچىلىك ۋە دىنىي ئەسەبىيلىككە قارشى ھەمكارلىقنى كۈچەيتىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن. خىتاي ھۆكۈمىتى ئۇيغۇرلارنىڭ بېيجىڭ دائىرىلىرىگە قارشى ئۆكتىچىلىك ھەركىتىنى تېررورچىلىق، مىللى بۆلگۈنچىلىك ۋە دىنىي ئەسەبىيلىك بىلەن ئەيىبلىمەكتە.

خەلقارا كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتلىرى، بېيجىڭ دائىرىلىرىنى تېررورچىلىققا قارشى تۇرۇشنى باھانە قىلىپ، ئۇيغۇرلارنىڭ كىشىلىك ھوقۇقى ۋە دىنىي ئېتىقات ئەركىنلىكىنى ئاياق - ئاستى قىلىش بىلەن تەنقىتلىگەن.

لى جياۋشىڭ، بېيجىڭ ئىككى دۆلەت باشلىقلىرى تەرىپىدىن ئىمزالانغان ئىككى تەرەپ مۇناسىۋىتىگە دائىر ستىراتىگىيىلىك كېلىشىملەرنىڭ روھىنى ئىجرا قىلىدۇ، دەپ ئەسكەرتكەن. لى جياۋشىڭ جۈمە كۈنى ئالما-ئاتادا چاقىرىلغان ئاسىيدا ئىشەنچ تۇرغۇزۇش ۋە ھەمكارلىقنى كۈچەيتىش كېڭىشىدىكى دۆلەتلەرنىڭ مىنىستىرلار يىغىنىغا قاتناشتى. ئاسىيادا ئىشەنچ تۇرغۇزۇش ۋە ھەمكارلىقنى كۈچەيتىش كېڭىشىدىكى خىتاي، قازقىستان ۋە پاكىستانلارنى ئۆز ئىچىگە ئالغان 17 دۆلەت تېرورچىلار، بۆلگۈنچىلەر ۋە دىنىي ئەسەبىلەرنىڭ پائالىيىتىگە دائىر ئۆچۇرلارنى ئالماشتۇرۇش ھەققىدە كېلىشىم ھاسىل قىلدى. (ئەركىن)

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.