روئېتىرس ئاخبارات ئاگېنتلىقىنىڭ ئالمۇتادىن خەۋەر قىلىشىچە، قازاقىستان تاشقى ئىشلار مىنىستىرى توقايوف قازاقىستاندىكى دېموكراتىيىنىڭ كەمچىلىكىنى تۈزەش ئۈچۈن پائالىيەت ئېلىپ بىرىلىدىغانلقىنى تەكىتلەپ، لېكىن تىز ۋە ئالدىراش ئېلىپ بىرىلىدىغان سىياسى ۋە ئىقتىسادى ئىسلاھات قازاقىستاننىڭ مۇقىملىقىنى خەتەرگە چۈشۈرۈپ قويۇشى مۇمكىن دىدى.
كۆپچىلىككە مەلۇم بولغىنىدەك، قازاقىستان پرېزىدېنتى نۇر سۇلتان نەزەربايف، سېنتەبىر ئېيىدا ئۆتكۈزۈلگەن پارلامېنت سايلىمىنىڭ ناھايىتى دېموكراتىك ۋە ئادالەتلىك بولىدىغانلىقى ۋە سايلامدا ياۋرۇپا بىخەتەرلىك ۋە ھەمكارلىق تەشكىلاتى تەرىپىدىن بەلگىلەنگەن ئۆلچەملەرگە تولۇق ھۆرمەت قىلىنىدىغانلىقى ھەققىدە ۋەدە بەرگەن ئىدى. ئەمما ياۋرۇپا بىخەتەرلىك ۋە ھەمكارلىق تەشكىلاتى قازاقسىتاندا ئۆتكۈزۈلگەن پارلامېنت سايلىمىدا نۇرغۇن كەمچىلىكلەر كۆرۈلگەنلىكىنى بىلدۈرۈپ، پرېزىدېنت نازاربايف ھۆكۈمىتىنى تەنقىد قىلغان.
قازاقىستان تاشقى ئىشلار مىنىستىرى توقيوف سەيشەنبە كۈنى بەرگەن باياناتىدا، ھۆكۈمەتنىڭ ياۋرۇپا بىخەتەرلىك ۋە ھەمكارلىق تەشكىلاتى ۋە باشقا خەلقئارا تەشكىلاتلارنىڭ قازاقىستاندىكى دېموكراتىك جەريان توغرىسىدىكى تەنقىدلىرىنى جىددى تەكشۈرۈپ چىقىدىغانلىقىنى تەكىتلەپ، » بىز نىڭ قارشىمىزچە قازاقىستاندىكى سىياسىي مۇھىتنى ياخشىلاش ۋە تەرەققى قىلدۇرۇش ئۈچۈن ھېلىمۇ ۋاقتىمىز بار« دىدى.
قازاقىستاننىڭ ھېلىمۇ ياۋرۇپا بىخەتەرلىك ۋە ھەمكارلىق تەشكىلاتى ئەزالىرىنىڭ بولۇپمۇ غەربىي ياۋرۇپا دۆلەتلىرىنىڭ قوللىشىغا ئېرىشىش ئىمكانىيىتىگە ئىگە ئىكەنلىكىنى بىلدۈرگەن توقايوف، بىز قازاقىستاندىكى سىياسىي ئىسلاھات ۋە دېموكراتىك ئۆزگۈرۈشلەرنى داۋاملاشتۇرۇشىمىز كېرەك دىدى. (ئەقىدە)