قازاقىستان بىر قىسىم تېررورستلارنى قولغا ئالغانلىقىنى بىلدۈردى


2004.11.11

قازاقىستان ھۆكۈمىتى بۇ يىل ئۆزبەكىستاندا يۈز بەرگەن بىر يۈرۈش ھوجۇملارغا چېتىشلىق بىر تەشكىلاتنىڭ ئەزالىرىنى قولغا ئالغانلىقىنى بىلدۈردى.

قازاقىستان دۆلەت بىخەتەرلىك كومىتىتىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى ۋىلادېمىر بوژكونىڭ پەيشەنبە كۈنى بىلدۈرىشىچە، ئوتتۇرا ئاسىيادىكى جامائەتى مۇھاجىدىن دەپ ئاتالغان تەشكىلاتنىڭ ئون يەتتە نەپەر ئەزاسى يېقىندا» ئۆزىنى ئۆلتۈرىۋېلىش خارەكتىرلىك ھوجۇم قوزغاش ۋە ئۆزبەك يۇقىرى دەرىجىلىك ئەمەلدارلىرىنى سۈيقەست قىلىشنى پىلانلاش« جىنايىتى بىلەن ئەيىپلىنىپ، قولغا ئېلىنغان. ئۇنىڭ ئىلگىرى سۈرىشىچە، قولغا ئېلىنغانلارنىڭ 13 ئى قازاق، تۆتى ئۆزبەك بولۇپ، ئۇلارنىڭ ئىچىدە يەنە تۆت ئايالمۇ بار ئىكەن.

ئەمما ۋىلادېمىر بوژكو، بۇ كىشىلەرنىڭ زادى قاچان ۋە قانداق ھوجۇملارنى پىلانلىغانلىقىنى ئەسكەرتمىگەن. ئۇ پەقەت، قازاقسىتان دائىرىلىرى بۇ كىشىلەرنى قولغا ئالغاندا، ئۇلارنىڭ يېنىدىن پارتلاتقۇچ ئەسۋابلار، ساختا پاسپورت ۋە تېررورلۇق ھوجۇملارنى تەشۋىق قىلىدىغان سىنئالغۇ لىنتىلىرى چىققانلىقىنى ئىيتقان.

ئامېرىكا بىرلەشمە ئاخبارات ئاگېنتلىقىنىڭ بىلدۈرىشىچە، بوژكو، جامائەتى مۇجاھىدىن تەشكىلاتىنىڭ ئۆزبەكىستان پايتەختى تاشكەنتتە بۇ يىل 3 - ئايدىن 7 - ئايغىچە يۈز بەرگەن بىر يۈرۈش ئۆزىنى ئۆلتۈرىۋېلىش خاراكتېرلىك پارتىلىتىش ۋە ھوجۇملاردا قولى بارلىقىنى بىلدۈرگەن. ئۇ قېتىمقى ھوجۇملاردا جەمئىي 50 دەك ئادەم ئۆلگەن ئىدى. (ئارزۇ)

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.