قازاقىستاندا ئۆكتىچى سىياسىي پارتىيىنىڭ پائالىيىتى چەكلەندى


2005.01.12

قازاقىستان دېموكراتىك تاللاش پارتىيىسى ئالمۇتا شەھەرلىك سوت مەھكىمىسىنىڭ ھۆكمىگە قاتتىق نارازىلىق بىلدۈرۈپ، سوتنىڭ ھۆكمى قازاقىستاندا ئۇكرائىنىيىدىكىگە ئوخشاش "قىزغۇچ ئىنقىلاب" يۈز بېرىپ قىلىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئۈچۈن، ھۆكۈمەتنىڭ ئۆكتىچى سىياسىي گۇرۇھلارغا قارشى باشلىغان باستۇرۇش ھەرىكىتىنىڭ بىر قىسمى دەپ كۆرسەتتى . سوت ، قازاقىستان دېموكراتىك تاللاش پارتىيىسىنى دۆلەت بىخەتەرلىكىگە دەخلى - تەرۈز قىلغان ۋە ھۆكۈمەتنى ئاغدۇرۇشقا ئۇرۇنغان دەپ ئەيىبلىگەن .

لېكىن، مەزكۇر پارتىيىنىڭ ئادۋوكاتى يىفگىنى ژوۋتىس ئالماتادا ئۆتكۈزۈلگەن مۇخبىرلارنى كۈتۈۋىلىش يىغىنىدا بەرگەن باياناتىدا، قازاقىستاندىكى ھاكىمىيەت سىياسىي باستۇرۇش يولىغا قاراپ ماڭدى. ھاكىمىيەتنىڭ بۇ يولنى تاللىشىدا ئۇكرائىنىيىدىكى ۋەقەلەر مۇھىم رول ئوينىغانلىقى ئىنىق، دىدى .

سوتنىڭ ھۆكمىنى سىياسىي بىر ئويۇن دەپ كۆرسەتكەن قازاقىستان دېموكراتىك تاللاش پارتىيىسىنىڭ يۇقىرى دەرىجىلىك خادىملىرىدىن پىتىر سىۋيىك" ھۆكۈمەت بىزنىڭ پائالىيىتىمىزنى چەكلەش ئارقىلىق بىزنى ئەسەبىي، رادىكال بىر تەشكىلات دەپ كۆرسەتمەكچى. بىزنىڭ مەقسىتىمىز ئىنقىلاب قىلىش ئەمەس، ئاساسىي قانۇن رامكىسى ئىچىدە قازاقىستاندا سىياسىي ئىسلاھات ئېلىپ بېرىش. ئۇكرائىنىيە ۋە گروزىيىدىكى سىياسىي ئۆزگىرىشلەر قازاقىستاندىكى ھاكىمىيەت دائىرلىرىنى چۈچۈتىۋەتكەن بولۇشى مۇمكىن، دىدى.

كۆپچىلىككە مەلۇم بولغاندەك، ئۇكرائىنىيىدىكى قانسىز "قىزغۇچ ئىنقىلاپ" يۈزمىڭلىغان كىشىنىڭ ئۇكرائىنىيە سايلام كومىتېتى تەرىپىدىن پرېزىدېنت سايلىمىدا يېڭىلدى دەپ ئېلان قىلىنغان ئۆكتىچى سىياسىي ھەرىكەتنىڭ رەھبىرى ۋىكتور يۇشىنكونى قوللاپ، كەڭ كۆلەملىك نامايىشلار ئۆتكۈزۈشىگە سەۋەپ بولغان . ئاخىرىدا سايلام نەتىجىسى سايلامدا ساختىپەزلىك ۋەقەلىرى يۈز بەرگەنلىكى ئۈچۈن بىكار قىلىنىپ، سايلام قايتىلانغان ئىدى .

قازاقىستان پرېزىدېنتىنىڭ سىياسىي مەسلىھەتچىسى يارمۇھەممەت يىرتىشايۇف، ھۆكۈمەتنىڭ قازاقىسىتاندىكى سىياسىي ئۆكتىچى ھەرىكەتنى باستۇرۇشنى ۋە ھۆكۈمەتنى قوللىمىغان گېزىت- ژورناللارنى تاقاشنى مەقسەت قىلمىغانلىقىنى بىلدۈردى . ئۇنىڭ ئېيتىشىچە، ئۇكرائىنىيىدە يۈز بەرگەن "قىزغۇچ ئىنقىلاب" نىڭ قازاقىستاندا يۈز بېرىشى مۇمكىن ئەمەس. چۈنكى قازاقىسىتاندىكى ۋەزىيەتنى گروزىيە ۋە ئۇكرائىنىيىئىدىكى ۋەزىيەت بىلەن سىلىشتۇرغىلى بولمايدىكەن .

لېكىن، قازاقىستان دېموكراتىك تاللاش پارتىيىسىنىڭ ئادۋوكاتى ژوۋتىسنىڭ بىلدۈرۈشىچە، ئۇكرائىنىيىدىكى پرېزىدېنت سايلىمىدا يۇشىنكونىڭ سايلامدا غەلىبە قىلغانلىقى، قازاقىستاندىكى ھاكىمىيەتنى چۆچۈتىۋەتكەن . چۈنكى، بۇ ۋەقە، ئەگەر سابىق سوۋېت جۇمھۇرىيەتلىرىدە ئادالەتلىك سايلام ئېلىپ بېرىلسا، ئۆكتىچى سىياسىي ھەرىكەت رەھبەرلىرىنىڭ سايلامدا غەلبە قىلالايدىغانلىقىنى ئىسپاتلىغان.

ئامېرىكا بىرلەشمە ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، قازاقىستان دېموكراتىك تاللاش پارتىيىسى دۈشەنبە كۈنى، قانۇنىي يوللار ئارقىلىق سوتنىڭ ھۆكۈمىگە قارشى تۇرىدىغانلىقىنى ۋە قازاقىستاندا دېموكراتىك ئىسلاھات ئېلىپ بېرىلىشى ئۈچۈن كۈرىشىنى داۋاملاشتۇرىدىغانلىقىنى بىلدۈردى .

قازاقىستاندا، دېموكراتىك تاللاش پارتىيىسىنىڭ پائالىيىتىنىڭ چەكلەنگەنلىكى، قازاقسىتاندىكى سىياسىي ئۆكتىچى گۇرۇھلار ۋە كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتلىرىنىڭلا ئەمەس، خەلقئارادىكى كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتلىرىنىڭمۇ دىققىتىنى قوزغىدى .

خەلقئارا كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتى بولغان ئامېرىكىدىكى ئەركىنلىك سارىيى سەيشەنبە كۈنى بىر بايانات ئېلان قىلىپ، قازاقىستان دېموكراتىك تاللاش پارتىيىسىنىڭ پائالىيىتىنىڭ چەكلەنگەنلىكىنى، قازاقىستاندا دېموكراتىيىنىڭ ئارقىغا چېكىنىشنى دەپ كۆرسەتتى .

ئەركىنلىك سارىيىنىڭ دېرىكتورى جەنىفەر ۋىنزور، قازاقىستان سوتىنىڭ دېموكراتىك تاللاش پارتىيىسى ھەققىدىكى ھۆكمى، قازاقىستاندا دېموكراتىيىنىڭ تەرەققى قىلىشىنى كۈتكەن نۇرغۇن كىشىلەرنى ئۈمىدسىزلەندۈرىدۇ. بىز پرېزىدېنت نەزەربايوف ھۆكۈمىتىدىن سوتنىڭ دىموكراتىك تاللاش پارتىيىسى ھەققىدە چىقارغان ھۆكمىنى دەرھال كۆزدىن كەچۈرۈشىنى ھەمدە ھۆكمىنىڭ بىكار قىلىنىشى ئۈچۈن جىددى تىرىشچانلىق كۆرسىتىشىنى تەلەپ قىلىمىز، دىدى . (قانات)

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.