قازاقىستان ھۆكۈمىتى چارشەنبە كۈنى رۇسىيىدىن، قازاقلارنى كەمسىتىدىغان سۆزلەرنى قىلغان مىللەتچى سىياسيون ۋىلادىمىر ژىرنوۋسكىينى جازالاپ بېرىشنى تەلەپ قىلدى.
ئامېرىكا بىرلەشمە ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا، قازاقىستاننىڭ باش تەپتىشى رەشىد تۇسۇپبېكوف، رۇسىيە باش تەپتىشى ۋىلادىمىر ئۇستىنوۋغا يازغان خېتىدە، رۇسىيە پارلامېنتى تۆۋەن پالاتاسىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى ۋىلادىمىر ژىرىنوۋسكىينىڭ " موسكۋا ساداسى" رادىئوسىدا قىلغان سۆزلىرىنىڭ، قازاقلارنىڭ غورۇرىغا كۈچلۈك تەككەنلىكىنى، شۇڭا ژىرىنوۋسكىينىڭ قانۇنىي يوسۇندا جازالىنىشى كېرەكلىكىنى ئوتتۇرىغا قويغان. ئەمما رۇسىيە ھۆكۈمىتى بۇنىڭغا تېخى ئىنكاس قايتۇرمىدى.
ژىرىنوۋسكىي رۇسىيىدىكى "موسكۋا ساداسى" رادىئوسىنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلغاندا، ئىككى دۆلەت ئوتتۇرىسىدىكى نۆۋەتتىكى چېگرا كېلىشىمىنى ئەيىپلەپ، قازاقىستان دۆلىتىنىڭ ئەزەلدىن مەۋجۇت بولۇپ باقمىغانلىقىنى ۋە رۇسىيىنىڭ قازاقىستان بىلەن چېگرا كېلىشىمى تۈزۈشىنىڭ، رۇسىيىنىڭ ئۆزىنىڭ تارىخىي زىمىنىنى باشقىلارغا بېرىۋەتكەنلىك ھېسابلىنىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن. شۇنداقلا ئۇ يەنە، "قازاقلارنىڭ ھېچنىمىسى يوق، ھەتتا تىلى ۋە ئەدەبىياتىمۇ يوق" دەپ ئېيتقان.
قازاقىستاننىڭ نۆۋەتتىكى تېرىتورىيىسى غەربىي ياۋروپانىڭ چوڭلىقىغا تەڭ بولۇپ، ئۇنىڭ زىمىنى غەربتە كاسپىي دېڭىزىدىن تارتىپ، شەرقتە تەڭرى تاغلىرىغىچە سوزۇلغان.
بۇنىڭدىن بىر قانچە مەزگىللەر ئىلگىرى قازاقىستاندا چىقىدىغان بىر گېزىتتە، مەلۇم بىر قازاق ئاپتورنىڭ مۇشۇنىڭغا ئوخشاش تۈردە ئۇيغۇرلارنى ھاقارەتلەيدىغان بىر پارچە ماقالىسى ئېلان قىلىنىپ، ئۇيغۇرلارنىڭ كۈچلۈك غەزىۋىنى قوزغىغان ئىدى. لېكىن قازاقىستاننىڭ تەپتىش ئورگانلىرى ھازىرغىچە بۇنىڭ قانداق ھەل قىلىنغانلىقى ھەققىدە ئۇچۇر بەرمىدى. (پەرىدە)
