قازاقىستان كوممۇنىستلىرى ئامېرىكىنى خىتايغا تەھدىت سالماسلىققا چاقىردى


2007-08-19
Share

شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتىنىڭ بىرلەشمە ھەربىي مانېۋىرى ئاخىرلىشىپ، خىتاي رەئىسى خۇ جىنتاۋ قازاقىستاننى زىيارەت قىلغان پەيتتە قازاقىستان كوممۇنىستىك پارتىيىسى ئالمۇتا شەھەرلىك كومىتېتى ئامېرىكىنىڭ قازاقىستاندا تۇرۇشلۇق باش ئەلچىسىگە ئوچۇق خەت يېزىپ، ئامېرىكىنىڭ خىتايغا تەھدىت سالماسلىقىنى تەلەپ قىلغان.

قازاقىستاندا چىقىدىغان" پوزىتسىيە" ناملىق ئىنتېرنېت گېزىتىنىڭ ئۇچۇرىغا ئاساسلانغاندا، قازاقىستان كوممۇنىستلىرى خېتىدە ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسىنىڭ خىتاينىڭ ئولىمپىك مۇسابىقىسىگە بايقۇت ئېلان قىلىش ھەققىدە ھەمدە سۇدان ۋە شىمالىي كورىيە مەسىلىسى ھەققىدە قارار لايىھە قوبۇل قىلىشقا تىرىشىشىنى ئەيىبلەپ، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ قازانغان مۇۋەپپەقىيەتلىرىنى كۆككە كۆتەرگەن.

ئۇلار خېتىدە ئامېرىكىنىڭ "ئولىمپىككە بايقۇت ئېلان قىلىش ئارقىلىق خىتاي ھۆكۈمىتىگە بېسىم قىلىشىنىڭ ئەمەلىيەتتە 2008-يىللىق ئولىمپىكتە خىتاي كوماندىسىنىڭ ئامېرىكا تەنھەرىكەتچىلىرىدىن ئېشىپ كېتىشىدەك پاكىتنى ئېتىراپ قىلغانلىقى" ئىكەنلىكىنى ئوتتۇرىغا قويغان.

ئىنكاسلاردىن قارىغاندا، كومپارتىيە قازاقىستان، قىرغىزىستان ۋە رۇسىيىدە ھازىرمۇ مەۋجۇت بولۇپ، بۇ پارتىيە بۇرۇنقى سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ ئەنئەنىسى بويىچە ئامېرىكا باشلىق غەرب دۇنياسىغا قارشى ئىدىيىسىنى داۋاملىق ئىپادىلەپ كەلمەكتە، بىراق، كومپارتىيىنىڭ بۇ دۆلەتلەردىكى تەسىر كۈچى ئاجىز ھېسابلىنىدىكەن . (ئۈمىدۋار)

پىكىرلەر (0)

بارلىق پىكىر - بايانلارنى كۆرۈش.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.

تولۇق بەت