قازاقستان ھەربىي سوتى نازەربايېفنىڭ سابىق كىيوئوغلىغا 20 يىلىئىق قاماق جازاسى ھۆكۈم قىلدى
2008.03.26
قازاقستان ھەربىي سوتى يېقىندا پرېزىدېنت نازەربايېفنىڭ سابىق كىيو ئوغلى راقات ئەلىيېفقا سىياسىي ئۆزگىرىش قىلماقچى بولغان دېگەن جىنايى نام بىلەن 20 يىللىق قاماق جازاسى ھۆكۈم قىلدى.
بىرلەشمە ئاگېنتلىقىنىڭ ئاستانادىن خەۋەر قىلىشىچە، باش تەپتىش بۇ يېپىق ھەربىي سوتتا، ئەلىيېفتىن باشقا يەنە، سابىق سوۋېت كگب سىنىڭ قازاقستاندىكى ئاگېنتى ئالىنۇر مۇسايېف قاتارلىق 15 كىشىگىمۇ قاماق جازاسى بېرىلگەنلىكىنى ئېلان قىلغان.
خەۋەردە بايان قىلىنىشىچە، قازاقستاندىكى ھەربىي سوتتا 20 يىللىق قاماق جازاسىغا ھۆكۈم قىلىنغان ئەلىيېف ئەپەندى پرېزىدېنت نازەربايېفنىڭ قىزى دارىغە بىلەن تېخى يېقىندىلا نىكاھتىن ئاجراشقان ئىدى ۋە ئۇنىڭغا ئاۋسترىيە ھۆكۈمىتى سىياسىي پاناھلىق بەرگەن ئىدى. (ۋەلى)
©
2008 Radio Free Asia
مۇناسىۋەتلىك ماقالىلار
- قازاقىستان كۆچۈپ كەلگەن چەتئەل قازاقلىرىنى ياخشى ئورۇنلاشتۇرالمىغان
- د ئۇ ق ئالماتا ئەتراپىدىكى ئۇيغۇرلارنى تەشكىللەپ يىغىن ئۆتكۈزدى (2)
- قازاقىستان 20 توملۇق " قازاق خەلقىنىڭ پەلسەپىۋى مىراسلىرى" نى نەشىر قىلىشنى باشلىدى
- قازاقىستاندىكى ئۇيغۇر تىجارەتچىلىرى «ئىلھام مۇكاپاتى» نى تارقاتتى
- قىرغىسىتاندىكى ئۇيغۇرلار ئۇيغۇرسىتان ئازاتلىق تەشكىلاتى رەھبىرى ھاشىر ۋاھىدىنى خاتىرىلىدى
- قازاقىستاندىكى كۆمۈر كان پارتلاش ۋەقەسىدە كۆپ ئادەم ئۆلدى
- قازاقىستان 2007- يىلى، 44 جاسۇسنى پاش قىلدى
- مۇرات ناسىروپنىڭ نامىغا بېغىشلانغان ياش ناخشىچىلار مۇسابىقىسى ئۆتكۈزۈلىدۇ
- قازاقىستان ياۋروپا بىخەتەرلىك ۋە ھەمكارلىق تەشكىلاتىنىڭ رەئىس دۆلىتى بولىدۇ
- قازاقىستان چەتئەللىك مەبلەغ سالغۇچىلارنى ئۈركۈتىدىغان قانۇن چىقاردى









