قازاقستان ھەربىي سوتى يېقىندا پرېزىدېنت نازەربايېفنىڭ سابىق كىيو ئوغلى راقات ئەلىيېفقا سىياسىي ئۆزگىرىش قىلماقچى بولغان دېگەن جىنايى نام بىلەن 20 يىللىق قاماق جازاسى ھۆكۈم قىلدى.
بىرلەشمە ئاگېنتلىقىنىڭ ئاستانادىن خەۋەر قىلىشىچە، باش تەپتىش بۇ يېپىق ھەربىي سوتتا، ئەلىيېفتىن باشقا يەنە، سابىق سوۋېت كگب سىنىڭ قازاقستاندىكى ئاگېنتى ئالىنۇر مۇسايېف قاتارلىق 15 كىشىگىمۇ قاماق جازاسى بېرىلگەنلىكىنى ئېلان قىلغان.
خەۋەردە بايان قىلىنىشىچە، قازاقستاندىكى ھەربىي سوتتا 20 يىللىق قاماق جازاسىغا ھۆكۈم قىلىنغان ئەلىيېف ئەپەندى پرېزىدېنت نازەربايېفنىڭ قىزى دارىغە بىلەن تېخى يېقىندىلا نىكاھتىن ئاجراشقان ئىدى ۋە ئۇنىڭغا ئاۋسترىيە ھۆكۈمىتى سىياسىي پاناھلىق بەرگەن ئىدى. (ۋەلى)