قازاقىستاندا ئۆكتىچىلەر بىرلىشىشكە باشلىدى
2006.12.26
پەرغانە ئاگېنتلىقىنىڭ ئۇچۇرىدىن قارىغاندا، قازاقىستاندىكى ئۆكتىچى پارتىيىلەردىن "ئادالەت" بىلەن " ئاق يول" بىرلىشىش قەدىمىنى بېسىشقا باشلىغان بولۇپ، ئاق يول پارتىيىسىنىڭ باشلىقى ئالىخان بايمەنوپ 26- دەكابىر كۈنى " بىز بىرىنچى قەدەمدە سىياسىي سىستېمىلارنى دېموكراتىيىلىشتۈرۈش ۋە ئىجتىمائىي-سىياسىي مەسىلىلەرنى ھەل قىلىش ئۈچۈن بىرلىشىشنى كۈچەيتىۋاتىمىز" دېدى.
خەۋەردىن قارىغاندا، ئىككى ئۆكتىچى پارتىيە ئارىسىدا بىرلىشىش كېلىشىمى تۈزۈلگەن بولۇپ، كېلىشىمگە بىنائەن ئىككى پارتىيە دۆلەتنىڭ ئىجتىمائىي-سىياسىي ھاياتى، قانۇنلىرىنى بىرلىكتە تەييارلاش، ۋە باشقا ساھەلەر بويىچە بىرلەشمە پائالىيەت قىلىدىكەن.
"ئاق يول" پارتىيىسى قازاقىستان پارلامېنتىدا مۇھىم ئورۇن تۇتقان ئۆكتىچى پارتىيە بولۇپ، ئۇ قازاقىستان پرېزىدېنتىنىڭ " ئوتان " پارتىيىسى بىلەن دائىم رىقابەتلىشىپ كەلگەن.
"ئاق يول" بىلەن "ئادالەت" قازاقىستاننىڭ سىياسىي-ئىجتىمائىي ھاياتىغا تەسىر كۆرسىتىش كۈچىگە ئىگە پارتىيەلەردۇر. بۇلارنىڭ تەشكىللىشىدە بۇنىڭدىن ئىلگىرى كەڭ كۆلەملىك نامايىشلار ئېلىپ بېرىلغان بولۇپ، ئۇلار پرېزىدېنت نازاربايېۋنى دېموكراتىك ئىسلاھاتقا دەۋەت قىلىپ، ئۇنىڭ ھاكىممۇتلەقلىقىنى تەنقىد قىلغان.
كۆزەتكۈچىلەر دىكتاتورۇلۇقتا ئەيىبلەنگەن تۇركمەنىستان پرېزىدېنتى نىيازوپنىڭ ئۆلۈمىدىن كېيىن تۈركمەنىستاندا يۈز بېرىشى مۇمكىن بولغان ئۆزگىرىشلەرنىڭ قازاقىستان، ئۆزبېكىستاندىكى ئۆكتىچىلىك ھەرىكەتلىرىگە تەسىر كۆرسىتىشى مۇمكىنلىكىنى ئوتتۇرىغا قويۇشماقتا. قازاقىستاندىكى ئۆكتىچىلەرنىڭ ئۆز پائالىيەتلىرىنى كۈچەيتىشى بەلكى بۇنىڭ بىلەن مۇناسىۋەتلىك بولسا كېرەك. (ئۈمىدۋار)
مۇناسىۋەتلىك ماقالىلار
- قىرغىزىستاندا تەشكىللىك جىنايەتچىلىك يەنىلا كۈچەيمەكتە
- قازاقىستان باش تەپتىش ئىدارىسى قازاقىستاندا پائالىيىتى چەكلەنگەن تەشكىلاتلارنىڭ تىزىملىكىنى ئېلان قىلدى
- قىرغىز ئۆكتىچى تەشكىلاتلىرى قىرغىزىستاندا سىياسى ئىسلاھات ئېلىپ بېرىشنى تەلەپ قىلدى
- قىرغىزىستان ھۆكۈمىتى، ئوش رايونىدىكى ئىسلامچىلارنى تەسلىم بولۇشقا چاقىردى
- قىرغىز ئۆكتىچىلىرى ھۆكۈمىتىنىڭ تازىلاش ھەرىكىتىنى ئەيىبلىدى