يەكشەنبە كۈنى قازاقىستان جۇمھۇرىيىتىنىڭ پارلامېنت سايلىمى ئاخىرلاشتى. پرېزىدېنت نۇرسۇلتان نازاربايېفنىڭ پارتىيىسى "نۇر ئوتان" % 88 ئاۋاز بىلەن ئۆكتىچى پارتىيىلەر ئۈستىدىن غالىپ كېلىپ، پارلامېنتتىكى كۆپ سانلىق ئورۇننى ئىگىلىدى.
قازاقىستان مەتبۇئاتلىرىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، مەركىزىي سايلام كومىتېتى "نۇر ئوتان" يەنى "ۋەتەن" پارتىيىسى پارلامېنتتىكى 98 ئورۇننى ئىگىلىگەنلىكىنى بىلدۈرگەن.
پارلامېنت سايلىمىنى ياۋروپا ھەمكارلىق ۋە بىخەتەرلىك تەشكىلاتى مەخسۇس نازارەت قىلغان. ب ب س ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋىرىدىن مەلۇم بولۇشىچە مەزكۇر تەشكىلات بۇ قېتىمقى پارلامېنت سايلامدا ئىلگىرىلەش بولغانلىقىنى مۇئەييەنلەشتۈرگەن، بولسىمۇ، لېكىن ئۆكتىچىلەر بەرىبىر ئۆز نارازىلىقلىرىنى ئىپادىلىگەن.
نازاربايېف بۇنىڭدىن بىر قانچە ئاي ئىلگىرى تۇيۇقسىز پارلامېنتنى تارقىتىپ، قايتىدىن سايلام ئۆتكۈزىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن ھەمدە پرېزىدېنتلىق مۆھلىتىنى قىسقارتىش بىلەن بىرگە پارلامېنتقا ئاز سانلىق مىللەتلەرنىڭمۇ ئۆز ۋەكىللىرىنى كىرگۈزۈش سالاھىتى بېرىلىدىغانلىقىنى جاكارلىغان ئىدى. (ئۈمىدۋار)