قازاقىستان پارلامېنتى چەتئەللىك مەبلەغ سالغۇچىلارنى ئۈركۈتىدىغان بىر قانۇن ماقۇللاپ، ھۆكۈمەتكە چەتئەل شىركەتلىرى بىلەن ئىمزالانغان كېلىشىملەرنى بىكار قىلىش ھوقۇقى بەردى. لېكىن بۇ قانۇن پرېزىدېنتنىڭ تەستىقىدىن ئۆتكەندىلا ئاندىن كۈچكە ئىگە بولىدۇ.
ئانالىزچىلار، مەزكۇر قانۇننىڭ پارلامېنت تەرىپىدىن ماقۇللىنىشىنىڭ ئۆزى قازاقىستانغا مەبلەغ سېلىش ھەۋىسىدىكى چەتئەللىك مەبلەغ سالغۇچىلارنى ئۈركۈتۈپ قويىدىغانلىقىنى بىلدۈرمەكتە. بۇ قانۇن قازاقىستان ھۆكۈمىتى بىلەن بەزى غەرب نېفىت شىركەتلىرى ئارىسىدا كاسپىي دېڭىز بويىدىكى قاساغان نېفىتلىكىنى ئېچىش مەسىلىسىدە نۇرغۇن ئىختىلاپلار كېلىپ چىققان مەزگىلدە ماقۇللاندى. قازاقىستان باش مىنىستىرى كەرىم مەسىموۋ ب ب س گە بەرگەن بۇ ھەقتىكى باياناتىدا، ئەگەر بۇ ئىختىلاپ تېز ئارىدا بىر تەرەپ قىلىنمىسا، قازاقىستان خەلقئارا ئادالەت دىۋانىنىڭ كېسىم چىقىرىشىغا باش ئۇرىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.
قازاقىستان ھۆكۈمىتى بۇنىڭدىن بىر ئاي بۇرۇن بىر ئىتالىيە نېفىت شىركىتى بىلەن 2001 - يىلى ئىمزالىغان بىر كېلىشىمنى بىكار قىلىپ، قايتا سۆھبەت ئۆتكۈزۈشنى تەلەپ قىلغان ئىدى. كەرىم مەسىموۋ، قازاقىستان ھۆكۈمىتىنىڭ نېمە ئۈچۈن كېلىشىمگە ئەمەل قىلمىغانلىقىنى سورىغان مۇخبىرلارغا، ھەر قايسى تەرەپلەر كېلىشىمگە ئەمەل قىلىشى كېرەك، لېكىن ئىتالىيە شىركىتى "كېلىشىمنى بىرىنچى بولۇپ بۇزدى " دەپ جاۋاب بەردى. بەزى خەلقئارا ئانالىزچىلار،قازاقىستاننىڭ بۇ ھەرىكىتى"ئېنېرگىيە مىللەتچىلىكى" باش كۆتىرىۋاتقانلىقىنىڭ ئىپادىسى بولۇپ، بۇ رۇسىيە ۋە لاتىن ئامېرىكىسىدىكى ۋېنىزۇئېلاغا ئوخشاش دۆلەتلەرنىڭ يېقىنقى ھەرىكىتىگە ئوخشايدۇ، دەپ كۆرسەتمەكتە. (ئەركىن)
