قازاقىستان كۆچۈپ كەلگەن چەتئەل قازاقلىرىنى ياخشى ئورۇنلاشتۇرالمىغان

قازاقىستان پرېزىدېنتى نازاربايېۋ 1991 - يىلى قازاقىستان مۇستەقىل بولغاندىن كېيىن،چەتئەللەردىكى قازاقلارنىڭ قازاقىستانغا كۆچۈپ كېلىپ يەرلىشىشنى تەشەببۇس قىلىدىغان بىر پاراۋانلىق سىياسىتى چىقارغان بولۇپ، تاكى ھازىرغىچە موڭغۇلىيە، ئۆزبېكىستان، خىتاي، رۇسىيە، تۈركىيە،،قىرغىزىستان ۋە باشقا ئەللەردىكى قازاقلارنىڭ ئۆز تارىخىي ۋەتىنىگە قايتىپ ماكانلىشىشى توختاپ قالمىغان.

بىراق، پەرغانە ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋىرىگە ئاساسلانغاندا، قازاقىستان ھۆكۈمىتى "ئورالمانلار" دەپ ئاتالغان ۋەتىنىگە قايتقان چەتئەل قازاقلىرىنى ياخشى ئورۇنلاشتۇرۇپ، ئۇلارنى تۈرلۈك پاراۋانلىقلاردىن بەھرىمەن قىلىشتا قىيىنچىلىقلارغا دۇچ كەلگەن.

خەۋەردە كۆرسىتىلىشىچە، 1991 - يىلىدىن 2005 - يىلىغىچە، 433 مىڭدىن ئارتۇق ئادەم يەنى 110 مىڭدىن ئارتۇق ئائىلە قازاقىستانغا كۆچۈپ كېلىپ يەرلەشكەن بولۇپ، بۇ ساننىڭ %59 نى ئۆزبېكىستاندىن كەلگەن قازاقلار، %17.6نى موڭغۇلىيىدىن، %9.2 نى تۈركمەنىستاندىن كەلگەن قازاقلار تەشكىل قىلغان.

ئۇيغۇر ئېلىدىن قازاقىستانغا كۆچۈپ كەتكەن قازاقلار %4.2 نى تەشكىل قىلغان. مەزكۇر ۋەتىنىگە قايتقان قازاقلار ئاساسلىقى ئالمۇتا ئوبلاستى، جەنۇبىي قازاقىستان ئوبلاستى، جامبۇل ۋە قۇستاناي ئوبلاستلىرىغا ماكانلاشتۇرۇلغان. (ئۈمىدۋار)