قازاقىستان-قىرغىزىستان رەھبەرلىرى ئۇچراشتى
2005.04.24
قىرغىزىستاننىڭ "قابار" ئاگېنتلىقىنىڭ مەلۇماتىغا قارىغاندا، قىرغىزىستاننىڭ ۋاقىتلىق پرېزىدېنتى قۇرمانبېك باقىيېۋ ئۆزىنىڭ تۇنجى قېتىملىق پرېزىدېنتلىق سالاھىيىتىدىكى چەتئەل سەپىرى سۈپىتىدە قازاقىستاننى زىيارەت قىلىپ، پرېزىدېنت نۇرسۇلتان نازاربايېۋ بىلەن كۆرۈشۈپ، قىرغىز-قازاق ھەمكارلىقلىرى ھەققىدە سۆھبەتلەشكەن.
ئالمۇتا شەھرىدە بولۇپ ئۆتكەن مەزكۇر ئۇچرىشىشتا ئىككى پرېزىدېنت قازاقىستاننىڭ قىرغىزىستانغا دېھقانچىلىق ئىشلىرىغا ياردىمى بولىدىغان ئىقتىسادىي ياردەملەرنى بېرىش، قىرغىزىستاننىڭ قازاقىستان تېررىتورىيىسى ئارقىلىق يۈك توسۇشىغا قازاقىستاننىڭ ئىچكى قىسىمدىكىگە ئوخشاش باھا ئۆلچىمىنى قوللىنىش قاتارلىق كۆپ تەرەپلەر بويىچە كېلىشىم ھاسىل قىلغان.
مەلۇمكى، سابىق قىرغىزىستان پرېزىدېنتى ئەسقەر ئاقايېۋ دەۋرىدە مەلۇم سەۋەبلەر تۈپەيلىدىن قازاقىستان بىلەن قىرغىزىستان ئوتتۇرىسىدىكى مۇناسىۋەتلەر ئازراق سوغۇقلىشىپ قالغان. قىرىغىزىستاندىكى سىياسىي ئۆزگىرىش قازاقىستانئ غا بەلگىلىك دەرىجىدە تەسىر كۆرسەتكەن .
بۇ قېتىم قازاقىستان رەھبىرى يېڭى قىرغىزىستان ھۆكۈمىتى بىلەن ھەمكارلىشىدىغانلىقىنى بىلدۈردى شۇنىڭدەك قىرغىزىستان ۋاقىتلىق پرېزىدېنتى قۇرمانبېك باقىيېۋمۇ نۇرسۇلتان نازاربايېۋ ئوتتۇرىغا قويغان ئوتتۇرا ئاسىيا ئىتتىپاقىنى قۇرۇش تەكلىپىنى قىزغىن قوللايدىغانلىقىنى بىلدۈرۈپ، ئوتتۇرا ئاسىيا ئىتتىپاقى قۇرۇشنىڭ ئوتتۇرا ئاسىيا خەلقلىرىنىڭ ئىقتىسادىي ۋە سىياسىي ھاياتىغا زور پايدىلىق ئىكەنلىكىنى مۇئەييەنلەشتۈردى. ئۇ يەنە ئۆزىنىڭ پۈتۈن كۈچى بىلەن ئوتتۇرا ئاسىيا دۆلەتلىرىنىڭ بىرلىشىپ، بىر ئىتتىپاق تۈزۈشى ئۈچۈن تىرىشىدىغانلىقىنى ئەسكەرتكەن ئىدى. (ئۈمىدۋار)