نازاربايېف " سايلامنىڭ ئادالەتلىك ئۆتكۈزۈلىدىغانلىقىغا كاپالەتلىك قىلىمەن "


2007.07.05

قازاقسىتان پرېزىدېنتى نۇر سۇلتان نازاربايېف كېلەر ئاي قازاقىستاندا ئۆتكۈزۈلىدىغان پارلامىنت سايلىمىنىڭ، ئادالەتلىك بىر سايلام بولىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

پرېزىدېنتى نازاربايىف چارشەنبە كۈنى، نۇر ئوتان پارتىيىسىنىڭ قۇرۇلتىيىدا قىلغان سۆزىدە، " قازاقىستان دۆلەت رەئىسى بولۇش سۈپىتىم بىلەن، سايلامنىڭ ئادالەتلىك ئۆتكۈزۈلىدىغانلىقىغا ۋە سايلامدا خەلقىنىڭ ھەقىقىي قوللىشىغا ئىگە پارتىيىلەرنىڭ غەلىبە قىلىدىغانلىقىغا كاپالەتلىك قىلىمەن" دېدى.

لېكىن نازاربايېف سۆزىدە، سايلامدا نۇر ئوتان پارتىيىسىنىڭ غەلىبە قىلىدىغانلىقىغا ئىشىنىدىغانلىقىنى تەكىتلىدى. كۆپچىلىككە مەلۇم بولغاندەك، بۇ يىلنىڭ باشلىرىدا قازاقىستان ئاساسىي قانۇنىغا كىرگۈزۈلگەن، دۆلەت رەئىسىنىڭ سىياسىي پارتىيىلەرنىڭ رەئىسى بولالايدىغانلىقى توغرىسىدىكى ئۆزگەرتىشتىن كېيىن، پرېزىدېنت نازاربايېف نۇر ئوتان پارتىيىسىنىڭ رەئىسىلىك ۋەزىپىسىنى رەسمىي قولغا ئالغان ئىدى.

بۇ ئارىدا، پرېزىدېنت نازاربايېفنىڭ چوڭ قىزى دارىغا نازاربايىۋا، ئۆزلىرىنى نۇر ئوتان پارتىيىسىدىن كېلەر ئاي قازاقىستاندا ئۆتكۈزۈلىدىغان پارلامىنت سايلىمىدا نامزات كۆرسەتكەن پارتىيە ئەزالىرى تىزىملىكىدىن چىقىرىۋېتىلدى. دارىغا نازاربايېۋانىڭ نامزاتلىقىنى بىكار قىلىش توغرىسىدىكى قارار، چارشەنبە كۈنى قازاقىستاننىڭ پايتەختى ئاستانا شەھىرىدە نۇر ئوتان پارتىيىسىنىڭ پرېزىدېنت نازاربايىفنىڭ رىياسەتچىلىكىدە ئېلىپ بېرىلغان قۇرۇلتىيىدا ئېلىنغان.

كۆپلىگەن سىياسىي مۇلاھىزىچىلەر، قازاقىستاندا نۇرغۇن سىياسىي ۋە ئىقتىسادىي نوپۇزغا ئىگە ۋە 2004‏- يىلىدىن بېرى قازاقىستان پارلامېنتىنىڭ ئەزاسى بولغان دارىغا نازاربايىۋانى كېلەچەكتە، پرېزىدېنت نەزەربايىفنىڭ ئورنىنى ئالىدىغان كىشى دەپ، قاراپ كەلگەن. (ئەقىدە)

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.