قازاقىستاندىكى ئۇيغۇر تەشكىلاتلىرى ھەققىدىكى يېڭى ماقالە

ئۆتكەن ھەپتىدە ئوتتۇرا ئاسىيا ئاگېنتلىقى تەرىپىدىن رىنات سەيدۇللايېۋ ئىسىملىك بىر قازاقىستان ئانالىزچىسىنىڭ "قازاقىستاندىكى ئۇيغۇر تەشكىلاتلىرى ھەقىقى تېررورچىلارمۇ ياكى رازۋېتكا ئورگانلىرىنىڭ پارچە پۇلىمۇ؟" دېگەن تېمىدا بىر پارچە ماقالە ئېلان قىلىندى.

ئاپتور ماقالىسىدە يېقىندا قازاقىستان رازۋېتكا ئورگانلىرى تەرىپىدىن قولغا ئېلىنغان يۈسۈپ قادىر قاتارلىق ئىككى نەپەر ئۇيغۇرغا مۇناسىۋەتلىك ئەھۋاللارنى چۆرىدىگەن ھالدا، قازاقىستاندا يۈز بەرگەن قازاق ئۆكتىچى رەھبىرى ئالتۇنبېك سارسىنبايېۋ قاتارلىقنىڭ سىرلىق ئۆستۈرۈلۈش ۋەقەسى ھەم باشقا ئارقا كۆرۈنىشى مۇرەككەپ دىلولارنى ئەسكەرتىپ ئۆتۈش ئارقىلىق، ئەمەلىيەتتە بۇ جۇمھۇرىيەتتىكى نۇرغۇنلىغان ۋەقەلەرنىڭ بىخەتەرلىك دائىرىلىرى بىلەن باغلىنىشلىققا ئىگە ئىكەنلىكىنى كۆرسىتىدۇ.

ئانالىزچى رىنات سەيدۇللايېۋ ماقالىسىدە بۈگۈنكى كۈندە قازاقىستاننىڭ غەرب دېموكراتىك دۆلەتلىرىنىڭ ئۇيغۇرلارنىڭ مەسىلىگە سىياسىي جەھەتتىن قاراپ، قازاقىستاننىڭ خىتاي بىلەن بىرلىشىپ، ئۇيغۇر سىياسىي پاناھلىق تىلىگۈچىلىرىنى خىتايغا قايتۇرۇپ بېرىشتەك خەلقئارا قانۇنلارغا خىلاپ قىلمىشىنى تەنقىد قىلغاندىن كېيىن، قازاقىستان رازۋېتكا دائىرىلىرىنىڭ ئۇيغۇرلارغا ئائىت ئىشلارنى مەخپىي تۇتۇۋاتقانلىقىنى، ئەمەلىيەتتە ئۇيغۇر مەسىلىسىنىڭ خىتاي ئەيىبلىگەندەك تېررورچىلىق ئەمەسلىكىنى بەلكى رازۋېتكا ئورگانلىرى تەرىپىدىن ئويۇن قەرتى قىلىنغانلىقىنى شەرھلەيدۇ.

ئاپتورنىڭ چۈشەندۈرۈشىچە، بۇنىڭدىن ئىلگىرى قولغا ئېلىنغان قازاقىستاندىكى ئۈچ نەپەر ئاتالمىش تېررورچىلىق تەشكىلات رەھبەرلىرى ئەمەلىيەتتە قازاقىستان دۆلەتلىك بىخەتەرلىك ئىدارىسىنىڭ قوش سالاھىيەتلىك ئاگېنتلىرى بولۇپ چىققان ئىكەن.(ئۈمىدۋار)