قازاقىستان ياۋروپا بىخەتەرلىك ۋە ھەمكارلىق تەشكىلاتىنىڭ رەئىس دۆلىتى بولىدۇ

قازاقىستان سابىق سوۋېت ئىتتىپاقىدىن ئايرىلىپ چىققان دۆلەتلەر ئىچىدە بىرىنچى قېتىم 2010- يىلى ياۋروپا بىخەتەرلىك ۋە ھەمكارلىق تەشكىلاتىنىڭ رەئىسى بولىدۇ. بۇ قارار يېقىندا ئىسپانىيىنىڭ مادرىد شەھرىدە ئۆتكۈزۈلگەن ياۋروپا بىخەتەرلىك ۋە ھەمكارلىق تەشكىلاتىغا ئەزا دۆلەتلەرنىڭ يىغىنىدا ئېلىنغان. پەرغانە ئاگېنتلىقىنىڭ ئۇچۇرىدىن قارىغاندا، رەئىسلىك ۋەزىپىسىنىڭ مۆھلىتى بىر يىل بولىدىكەن.

خەلقئارادا زور ئابرويغا ئىگە ياۋروپا بىخەتەرلىك ۋە ھەمكارلىق تەشكىلاتىنىڭ رەئىسلىك ۋەزىپىسىنىڭ قازاقىستانغا بېرىلىشىنىڭ شەرقىي ياۋروپا، مۇستەقىل دۆلەتلەر ھەمدوستلىقىغا ئەزا مەملىكەتلەرنىڭ قازاقىستانغا بولغان ئىشەنچىسىنى كۆرسىتىدىغانلىقىنى تەكىتلەيدۇ-قازاقىستان دۆلەت ئىشلىرى سېكرىتارى قانات ساۋدابايېۋ. ئۇ، سۆزىدە قازاقىستان رەئىسلىك قىلىدىغان 2010-يىلى جەريانىدا ياۋروپا بىخەتەرلىك ۋە ھەمكارلىق تەشكىلاتىنىڭ مەركىزىي ئاسىيا ۋە ئافغانىستاندىكى مەسىلىلەرگە بولغان دىققەت ئېتىبارىنى كۈچەيتىدىغانلىقىنى ئەسكەرتتى.

كۆزەتكۈچىلەر قازاقىستاننىڭ ياۋروپا بىخەتەرلىك ۋە ھەمكارلىق تەشكىلاتىدا رەئىسلىك ئورنىغا سازاۋەر بولۇشىنىڭ ئالدى بىلەن بۇ دۆلەتنىڭ مەركىزىي ئاسىيا رايونىدا كۈنسايىن ئېشىۋاتقان ئابرويى ۋە ئىقتىسادىي تەرەققىياتتا قولغا كەلتۈرگەن نەتىجىلىرى بىلەن شۇنىڭدەك خەلقئارا جەمئىيەتنىڭ ئۇنىڭ كەلگۈسىدە رايوننىڭ دېموكراتىيىلىشىشى ۋە ئىقتىسادىي تەرەققىياتى ھەمدە بىرلىككە كېلىشىدە باشلامچىلىق رول ئوينىشىغا بولغان ئىشەنچىسى بىلەن مۇناسىۋەتلىك ئىكەنلىكىنى تەھلىل قىلماقتا. (ئۈمىدۋار)