ئوتتۇرا ئاسىيا ئانالىز مەركىزىنىڭ ئىنتېرنېت سەھىپىسىدىكى خەۋەردىن مەلۇم بولۇشىچە، قازاقىستان كىنو رېجىسورلىرىدىن بىرى ساتىبالدى نارىنبېتوپنىڭ باش رېجىسورلۇقى ئاستىدا 20-ئەسىرنىڭ بىرىنچى يېرىمىدا تۈركىي خەلقلەرنىڭ سىياسىي ھاياتىدا مۇھىم رول ئوينىغان، ئەمما سوۋېت ئىتتىپاقى تەرىپىدىن ئازغىنا كەم 80 يىل "پانتۈركست"، "دۈشمەن" دەپ قارىلىنىپ كەلگەن قازاق خەلقىدىن كېلىپ چىققان مۇستاپا چوقاي ھەققىدە كىنو ئىشلەشنى باشلىغان.
قازاق ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇنىڭ ئۈچۈن خاتىرە ئۆيى بېكىتكەنلىكى ھەققىدىمۇ ئۇچۇرلار مەۋجۇت. خەۋەردىن مەلۇم بولۇشىچە، مۇستاپا چوقاينىڭ رولىنى قازاق ئارتىستى ئوينىغان. مۇستاپا چوقاي ھەققىدە كىنو ئىشلەش، ئۇنىڭ رولىنى ۋە سىياسىي كۆز قارىشى مۇئەييەنلەشتۈرۈش پەقەت سوۋېت ئىتتىپاقى يىمىرىلىپ، بىر قانچە يىللاردىن كېيىن ئەمەلگە ئاشقان بولۇپ، قازاقىستان، قىرغىزىستان، ئۆزبېكىستان ۋە باشقا سابىق سوۋېت ئىتتىپاقى جۇمھۇرىيەتلىرى مۇستەقىل بولغاندىن كېيىن ئۆز تارىخىنى، قايتا يېزىش، تارىخىي شەخسلەرگە قايتا باھا بېرىپ، ئۇلارنىڭ ئورنىنى تىكلەشكە باشلىدى. سوۋېت كوممۇنىستلىرى تەرىپىدىن قارىلانغانلار بۈگۈنكى كۈندە مىللىي قەھرىمانلارغا ۋە ئىجابىي شەخسلەرگە ئايلاندى.
مۇستاپا چوقاي، 1919-1920-يىللىرىدىكى تۈركىستان مۇستەقىلچىلىرىدىن بىرى بولۇپ، ئۇ قوقەن مۇختارىيەت ھۆكۈمىتىنىڭ رەھبەرلىرىدىن ئىدى. ئۇ پۈتۈن تۈركىي خەلقلەرنى بىرلەشتۈرۈپ، مۇستەقىل ھاكىمىيەت قۇرۇشنى تەشەببۇس قىلغان. كېيىن سوۋېت ئىتتىپاقىدىن كېتىپ، ياۋروپا ئۆز پائالىيىتىنى داۋاملاشتۇرغان. ئىككىنچى جاھان ئۇرۇشى مەزگىلىدە گەرمانىيە تەسىس قىلغان تۈركىستان مىللىي كومىتېتىنىڭ باشلىقى بولۇپ، ئوتتۇرا ئاسىيالىقلاردىن قوشۇن تەشكىللەپ، گېرمانىيىنىڭ ياردىمى بىلەن مۇستەقىل تۈركىستان قۇرماقچى بولغان. ئەمما ئارىلىقتا كېسەل بىلەن ۋاپات بولغان.
مۇستاپا چوقاي ئۇزۇن يىللار ياۋروپادا مەتبۇئاتچىلىق بىلەن شۇغۇللانغان بولۇپ، ئۇنىڭ جۇرناللىرىدا 30-يىللاردىكى قەشقەردە قۇرۇلغان شەرقىي تۈركىستان ئىسلام جۇمھۇرىيىتى ۋە شەرقىي تۈركىستان مەسىلىسىگە ئائىت كۆپ ماقالىلار بېسىلغان ئىدى. (ئۈمىدۋار)