قازاقىستان پرېزىدېنتى سىياسىي ئۆكتىچىلەردىن نارازىلىق نامايىشلىرىنى توختىتىشنى تەلەپ قىلدى

قازاقىستان پرېزىدېنتى نۇرسۇلتان نازار بايىف، پەيشەنبە كۈنى قازاقىستان پارلامىنتى يۇقىرى كېڭىشىنىڭ ئالىي دەرىجىلىك خادىمى ئىرجان ئوتانبايىفنىڭ، ئاقيول پارتىيىسىنىڭ رەئىسى ئالتۇنبېك سەرسانبايىفنى ئۆلتۈرۈشنى ئۆز ئىرادىسى بىلەن پىلانلىغانلىقىنى ئېتىراپ قىلغانلىقىنى بىلدۈردى.

پرېزىدېنت نازاربايىف قازاقىستان پارلامىنتىدا قىلغان سۆزىدە، ئۇتانبايىف ساقچىلارغا ھەممىنى ئېتىراپ قىلدى. ئۇ ماڭىمۇ خەت يېزىپ، ھېچكىمنىڭ ئۇنىڭغا بېسىم ئىشلەتمىگەنلىكىنى، ئۆز ئىختىيارى بىلەن ئىقرار قىلغانلىقىنى تەكىتلىدى، دەپ كۆرسەتتى.

ئەمما، قازاقسىتاندىكى سىياسىي ئۆكتىچىلەر، سەرسانبايىفنىڭ سىياسىي سەۋەبلەردىن ئۆلتۈرۈلگەنلىكىنى، ئوتانبايىفنىڭ ھاكىمىيەتنىڭ يوقىرى قاتلىمىنىڭ بۇيرۇقىسىز بۇنداق بىر ئىشنى ئەمەلگە ئاشۇرالمايدىغانلىقىنى بىلدۈرمەكتە.

نازاربايىف سۆزىدە، مەسىلىنىڭ ھېلىمۇ تەكشۈرۈلۈۋاتقانلىقىنى بىلدۈرگەن. رويترېس ئاگېنتلىقىنىڭ تەكىتلىشىچە، نازاربايىفنىڭ سۆزلىرى ناھايىتى مۇھىم بولۇپ، قازاقىستان بۇ مەسىلسىنى قانداق بىر تەرەپ قىلىشتا چوقۇم ئۇنىڭ سۆزلىرىگە قاراپ ھەرىكەت قىلىدىكەن.

خەۋەرلەرگە قارىغاندا، قازاقىستان ناغىز ئاقيول پارتيىسىنىڭ رەھبىرى سەرسانبايىفنىڭ ئۆلتۈرۈلگەنلىكى، 1989‏- يىلىدىن بېرى قازاقىستاندا ھاكىمىيەت يۈرگۈزىۋاتقان نازاربايىفنى ئېغىر ئەھۋالدا قويغان. قازاقىستاندىكى سىياسىي ئۆكتىچى ھەرىكىتى قازاقىستان ساقچى دائىرىلىرىنىڭ چەكلىشىگە قارىماي تۇنجى قېتىم كەڭ كۆلەملىك نامايىش ئېلىپ بارغان بولۇپ، بۇ نامايىشلار تۈپەيلىدىن قازاقىستان ھۆكۈمىتى سىياسىي ئۆكتىچى ھەرىكەتنىڭ رەھبەرلىرىنى قولغا ئالدى.

رويترېس ئاگېنتلىقىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، نازاربايىف قازاقىستان پارلامىنتىدا قىلغان سۆزىدە، قازاقىستان سىياسىي ئۆكتىچى ھەرىكىتىنى نارازىلىق نامايىشى ئېلىپ بېرىشنى توختىتىشقا چاقىرىپ، ساقچىلارنىڭ قانۇنسىز نامايىش تەشكىللىگەنلەرگە قارشى قاتتىق قوللۇق بىلەن مۇئامىلە قىلىشى كېرەكلىكىنى بىلدۈردى. (ئەقىدە)