قازاقىستان باش تەپتىش ئىدارىسى قازاقىستاندا پائالىيىتى چەكلەنگەن تەشكىلاتلارنىڭ تىزىملىكىنى ئېلان قىلدى


2006.10.13

قازاقىستان باش تەپتىش ئىدارىسى 10‏-ئاينىڭ 12‏- كۈنى قازاقىستاندا پائالىيىتى چەكلەنگەن 12 تەشكىلاتنىڭ تېزىملىكىنى ئېلان قىلدى. مەزكۇر تەشكىلاتلار تېررورلۇق پائالىيىتى بىلەن شۇغۇللانغان دەپ ئەيىبلەنگەن.

قازاقىستان ئالىي سوتىنىڭ قارارى بىلەن قازاقىستان تېررىتورىيىسىدە پائالىيەت ئېلىپ بېرىشى چەكلەنگەن 12 تەشكىلاتنىڭ ئاساسلىق قىسىمى ئوتتۇرا ئاسىيا دۆلەتلىرىدە پائالىيەت ئېلىپ بېرىۋاتقان مىللىي ۋە دىنىي ھەرىكەتلەر بولۇپ، ئۇلار ئۆزبېكىستان ئىسلامىي ھەرىكىتى، ھىزبۇ تەھرىر، ئوتتۇرا ئاسىيا مۇجاھىتلار جامائىتى ۋە شەرقىي تۈركىستان ئىسلامىي ھەرىكىتى قاتارلىق تەشكىلاتلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ.

قازاقىستان باش تەپتىش ئىدارىسىنىڭ باياناتىدا، كۇرد مىللىي قۇرۇلتىيى، بوز قۇرتلار ھەرىكىتى، مەركىزى پاكىستاندىكى لەشكەرى تايىبە، مەزكىزى كوۋەيتتىكى ئىجتىمائىي ئىسلاھات جەمئىيىتى، ئەلقائىدە تەشكىلاتى ۋە تالىبانلار قاتارلىق تەشكىلات ۋە ھەرىكەتلەرنىڭمۇ قازاقىستان زېمىندا پائالىيەت ئېلىپ بېرىشى، قازاقىستان پۇقرالىرىنىڭ مەزكۇر تەشكىلاتلارغا ئەزا بولۇشى، بۇ تەشكىلاتلارنىڭ پائالىيىتىگە قاتنىشىشى ھەمدە بۇ تەشكىلاتلار ۋە ھەرىكەتلەر بىلەن ئالاقە قۇرۇشىنىڭ چەكلەنگەنلىكى تەكىتلەنگەن. (قانات)

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.