0:00 / 0:00
قازاقىستان ئۇيغۇر جامائىتى، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ، ئۇيغۇر مىللىي ھەرىكىتىنىڭ رەھبىرى رابىيە قادىر خانىمنىڭ پەرزەنتى ئابلىكىم ئابدۇرېھىمنى گۇناھسىز تۈرمىگە تاشلىشى، رابىيە قادىر خانىمنىڭ خەلقئارادا ئۇيغۇرلارنىڭ كىشلىك ھوقۇقى ئۈچۈن ئېلىپ بېرىۋاتقان پائالىيەتلىرىدىن ئوچۇق - ئاشكارا ئۆچ ئېلىش ھەرىكىتىدىن ئىبارەت ئىكەنلىكىنى ئوتتۇرىغا قويدى.
ئالماتادا تۇرۇشلۇق ئىختىيارىي مۇخبىرىمىز ئابدۇللانىڭ بۇ ھەقتىكى مەلۇماتىنى دىققىتىڭلارغا سۇنىمىز.