شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتى بۇ يىل ئاۋغۇستتا رۇسىيىدە زور كۆلەملىك بىرلەشمە ھەربى مانېۋىر ئۆتكۈزۈشنى پىلانلىغان بولۇپ، خىتاي تەرەپمۇ 1600دىن ئارتۇق ھەربىي خادىم ئەۋەتمەكچى بولغان .
يېقىنقى مەلۇماتلارغا قارىغاندا، شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتىغا ئەزا دۆلەت بولغان قازاقىستان، خىتاينىڭ مانېۋىرىغا قاتنىشىش ئۈچۈن رۇسىيىگە بارىدىغان ئارمىيىسى ۋە ھەربىي ئۈسكۈنىلىرىنىڭ قازاق زېمىندىن ئۆتۈشىگە يول قويمايدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.
1-ئىيۇن روسىيە قۇرقلۇق ئارمىيىسىنىڭ گېنېرالى ئالىكس ماسىموف، بۇ يىل 8- ئايدا خىتاي- رۇسىيە ئارمىيىلىرىنىڭ تېررورلۇققا قارشى بىرلەشمە مانېۋىرى ئېلىپ بارىدىغانلىقىنى جاكارلىغان ئىدى. ماسىموف يەنە، بۇ يىللىق مانېۋىرىنىڭ شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتىنىڭ ئەڭ مۇھىم مانېۋىرى ئىكەنلىكىنى , بۇنىڭغا رۇسىيىنىڭ 2000 نەپەر, خىتاينىڭ 1600 نەپەر، تاجىكىستاننىڭ 100 نەپەر ئەسكەر، ئۆزبېكىستان ۋە قازاقىستانلارنىڭ بولسا , كىچىك ئەترەت ئەۋەتىدىغانلىقىنى ئاشكارىلىغان.
خىتاي ئاخبارات ۋاسىتىلىرىنىڭ مەلۇماتىغا قارىغاندا، مانېۋىرغا قاتنىشىدىغان خىتاي ئارمىيىسىنىڭ رۇسىيىگە بېرىشتىكى ئەڭ مۇۋاپىق يول، غەربىي شىمال لىنىيىسى بولۇپ، بۇ لىنىيە قازاقسىتاندىن كېسىپ ئۆتۈپ رۇسىيىنىڭ ئۇرال رايونىغا بارىدىكەن.
رۇسىيە تەرەپ خىتاي ئارمىيىسىنىڭ قازاقىستاندىن ئۆتۈش مەسىلىسى ھەققىدە قازاقىستان بىلەن كۆپ قېتىم سۆھبەتلەشكەن بولسىمۇ، لېكىن قازاقىستان ئىپادە بىلدۈرىمەن.
ماسىموفنىڭ ئاشكارىلىشىچە، خىتاي ئارمىيىسىنىڭ قازاق زېمىنىدىن ئۆتۈش مەسىلىسىدە ئېنىق بىر قارار ئېلىنمىغاندىن كىيىن، رۇسىيە تەرەپ خىتاي ئارمىيىسىنىڭ سىبىرىيە لىنىيىسى ئارقىلىق مانېۋىر رايونىغا كىرگۈزۈشنى پىلانلىماقتا ئىكەن.(جۈمە)
