قازاقىستاندىكى كۆمۈر كان پارتلاش ۋەقەسىدە كۆپ ئادەم ئۆلدى
2008.01.13
قازاقىستان جۇمھۇرىيىتىنىڭ قاراغاندا ئوبلاستىدىكى ئاباي شەھىرى يېنىدىكى بىر كۆمۈر كاندا 11 -يانۋار كۈنى پارتلاش يۈز بېرىپ، قازاقىستان تارىخىدىكى ئەڭ ئېغىر بىر قېتىملىق كان ۋەقەسى ھېسابلاندى.
قازاقىستان ئۇچۇر ئاگېنتلىقلىرىنىڭ يېزىشىچە، بۇ قېتىمقى كان پارتلاش ۋەقەسىدە ئاز دېگەندە 30 ئادەم قازاغا ئۇچرىغان بولۇپ، بۇ سانلىق مەلۇماتنى قازاقىستان جىددىي ھالەت مىنىستىرلىكى ئاشكارىلىغان. خەۋەرلەردىن مەلۇم بولۇشىچە، پارتلاش 600 مېتىر چوڭقۇرلۇقتىكى كۆمۈر كان قۇدۇقىدا يۇز بەرگەن بولۇپ، بۇ چاغدا 171 نەپەر ئىشچى كان ئاستىدا كۆمۈر قېزىش بىلەن مەشغۇل بولۇۋاتاتتى، جىددىي قۇتقۇزۇش نەتىجىسىدە ئۇلارنىڭ 161 نەپىرى قۇتۇلدۇرىۋېلىنغان، يەتتە نەپىرى نەق مەيداندا ئۆلگەن بولۇپ، 23 نەپەر ئىشچىنىڭ ئىز دېرىكى بولمىغان. قازاقىستان جىددىي ھالەت مىنسىتىرىلىكى ئىز دېرىكى بولمىغان مەزكۇر 23 ئادەمنىڭمۇ ئۆلگەنلىكىنى جەزىملەشتۇرۇپ، قازاغا ئۇچرىغانلارنىڭ سانىنىڭ 30 غا يەتكەنلىكىنى ئېلان قىلغان. نۆۋەتتە، قۇتۇلدۇرۇش ئىشلىرى يەنىلا داۋاملاشماقتا.
قاراغاندا، سابىق سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ ئەڭ چوڭ كۆمۈر كان بازىلىرىدىن بىرى ئىدى. قازاقىستان مۇستەقىل بولغاندىن كېيىن، بۇ يەردىكى كۆمۈر كانلىقلار قازاقىستانغا تەۋە بولغان بولسىمۇ، لېكىن خېلى ئۇزۇنغىچە قازاقىستان ھۆكۈمىتى كۆمۈر كانلىقلارنىڭ تېخنىكا يېڭىلاش ۋە نورمال ئىشلەپ چىقىرىشىغا كاپالەتلىك قىلالمىغان. ئەمما، يېقىنقى يىللاردىن بۇيان قازاقىستاننىڭ ئىقتىسادىي تەرەققىياتىنىڭ تېزلىشىشى بىلەن بۇ يەردىكى كۆمۈر كانلىقلار خۇسۇسىيلار تەرىپىدىن قايتىدىن جىددىي ئىشقا كىرىشتۈرۈلگەن بولسىمۇ، بىراق بىخەتەرلىك تەدبىرلىرىنىڭ ياخشى بولمىغانلىقى تەنقىد قىلىنماقتا. مەزكۇر كان ۋەقەسىنى بىر تەرەپ قىلىش ئىشلىرىغا پرېزىدېنت نۇرسۇلتان نازاربايېۋنىڭمۇ بىۋاسىتە كۆڭۈل بولۇۋاتقانلىقى خەۋەر قىلىنماقتا. ( ئۈمىدۋار)
مۇناسىۋەتلىك ماقالىلار
- قازاقىستان 2007- يىلى، 44 جاسۇسنى پاش قىلدى
- مۇرات ناسىروپنىڭ نامىغا بېغىشلانغان ياش ناخشىچىلار مۇسابىقىسى ئۆتكۈزۈلىدۇ
- قازاقىستان ياۋروپا بىخەتەرلىك ۋە ھەمكارلىق تەشكىلاتىنىڭ رەئىس دۆلىتى بولىدۇ
- قازاقىستان چەتئەللىك مەبلەغ سالغۇچىلارنى ئۈركۈتىدىغان قانۇن چىقاردى
- خىتاي دۆلەت رەئىسى قازاقىستان زىيارىتىنى باشلىدى
- نازاربايېف " سايلامنىڭ ئادالەتلىك ئۆتكۈزۈلىدىغانلىقىغا كاپالەتلىك قىلىمەن "
- نەزەربايىف، خەلق قوللىغانلىقى ئۈچۈن ئاساسىي قانۇندىكى ئۆزگىرىشنى ماقۇللىغانلىقىنى بىلدۈردى









