قازاقىستان ئۇچۇر ئاگېنتلىقى پرېزىدېنت نۇرسۇلتان نازاربايېفنىڭ بۇ ئاينىڭ 29-كۈنى ئامېرىكىنى زىيارەت قىلىپ، ئاق سارايدا پرېزىدېنت جورجى بۇش بىلەن كۆرۈشىدىغانلىقىنى رەسمىي خەۋەر قىلدى.
قازاقىستاننىڭ ئامېرىكىدىكى باش ئەلچىسى قانات سائۇدابيېف نۇرسۇلتان نازاربايېفنىڭ زىيارىتىنىڭ ئىككى تەرەپنىڭ ئىستراتېگىيىلىك ھەمكارلىقلىرىنى كۈچەيتىشنى مەقسەت قىلىدىغانلىقىنى، يېقىنقى يىللاردىن بۇيان ئامېرىكىدا قازاقىستاننىڭ ئىشەنچىلىك دوست ئىكەنلىكىگە بولغان چۈشىنىشنىڭ چوڭقۇرلاشقانلىقى، چۈنكى ئامېرىكا قوشما شىتاتلىرىنىڭ تېررورىزمغا قارشى ئۇرۇش، ئاممىۋى قىرغىن قىلىش خاراكتېرلىق قوراللارنى چەكلەش، ئېنېرگىيە بىخەتەرلىكلىنى تەمىن ئېتىش ۋە ئەركىنلىك ھەم دېموكراتىيىنى ئىلگىرى سۈرۈش جەھەتلەردە قازاقىستان بىلەن كۆپلىگەن ئىشلارنى بىرلىكتە قىلغانلىقى"نى بىلدۈردى.
ئۇ، سۆزىدە يەنە نازاربايېفنىڭ ئاق سارايدا جورجى بۇش بىلەن ئۇچرىشىشىنىڭ ئىككى دۆلەت خەلقلىرىنىڭ دوستلۇقىنى كۈچەيتىپ، قازاقىستان بىلەن ئامېرىكا قوشما شىتاتلىرىنىڭ ئىستراتېگىيىلىك ھەمكارلىق مۇناسىۋەتلىرىنىڭ يېڭى سەۋىيىسىنى يارىتىدىغانلىقىنى تەكىتلىدى.
بۇنىڭدىن بىر قانچە ئايلار ئىلگىرى ئامېرىكىنىڭ مۇئاۋىن پرېزىدېنتى دىك چېنىي ئاستانانى زىيارەت قىلغان بولۇپ، ھازىر ئامېرىكىنىڭ يېقىندىن بۇيان قازاقىستان بىلەن بولغان ھەربىي-سىياسىي ۋە ئىقتىسادىي مۇناسىۋەتلەرگە يېقىندىن كۆڭۈل بولۇۋاتقانلىقى ئوتتۇرىغا قويۇلماقتا. بىر قىسىم كۆزەتكۈچىلەر، قازاقىستاننىڭ ئىقتىسادىي تەرەققىياتى ۋە دۆلەت ئابرويىنىڭ ئېشىشىنىڭ ئۇنىڭ كەلگۈسىدە ئوتتۇرا ئاسىيا رايونىدىكى باشلامچى دۆلەتكە ئايلىنىش مۇمكىنچىلىكىگە ئىگە ئىكەنلىكىنى كۆرسىتىشمەكتە.
قازاقىستان ئۇچۇرلىرىغا ئاساسلانغاندا، نۇرسۇلتان نازاربايېف پاكىستان ئىسلام ئىنىستىتۇتى تەرىپىدىن 2006-يىللىق نوبېل مۇكاپاتىنىڭ نامزاتلىقىغا كۆرسىتىلگەن بولۇپ، ئۇيغۇر مىللىي ھەرىكىتىنىڭ رەھبىرى رابىيە قادىر خانىممۇ نوبېل تىنچلىق مۇكاپاتىنىڭ نامزىتى بولغان ئىدى. (ئۈمىدۋار)