قازاقىستاندا كان پارتلاش ۋەقەسى يۈز بېرىپ ئۆلگەنلەر 43 كە يەتتى

چارشەنبە كۈنى قازاقىستاننىڭ قاراغاندا رايونىدىكى لېنىن كۆمۈر كېنىدا پارتلاش يۈز بېرىپ، ھازىرغا قەدەر ئۆلگەنلەر 43 كە يەتتى.

قازاقىستان مەتبۇئاتلىرىنىڭ ئېيتىشىغا قارىغاندا، ۋەقە چارشەنبە كۈنى ئەتتىگەن سائەت 9 ئەتراپىدا، كاننىڭ 500 مېتىر چوڭقۇرلۇقىدا يۈز بەرگەن بولۇپ، پارتلاش يۈز بەرگەندە 300 دىن ئارتۇق ئىشچى كان ئاسىتىدا مەشغۇلات قىلىۋاتقان ئىكەن.

قاراغاندا رايونىنىڭ بىخەتەر ئىشلەپچىقىرىشقا مەسئۇل خادىمى مۇخبىرلارغا پارتلاش يۈز بەرگەندىن كېيىن 324 نەپەر كان ئىشچىسى قۇتۇلۇپ چىققان بولسىمۇ، ئوتنىڭ ھازىرغىچە ئۆچۈرۈلمىگەنلىكىنى، 19 ئىشچىنىڭ جەسىدىنىڭ ئېلىپ چىقىلغانلىقىنى بىلدۈرگەن.

قاراغاندا لېنىن كۆمۈر كېنى قازاقىستاندىكى ئەڭ چوڭ كان ھېسابلىنىدۇ. قاراغاندادا بۇنىڭدىن ئىلگىرى يەنى 2004 - يىلى دېكابىردا يەنە بىر مېتال تاۋلاش كېنىدا پارتلاش يۈز بېرىپ 23 ئادەم ئۆلگەن ئىدى.

نۆۋەتتە، قاراغاندا ھەمدە قازاقىستان تەكشۈرگۈچى خادىملىرى بۇ قېتىملىق كان پارتلاش ۋەقەسى ئۈستىدىن تەكشۈرۈش ئېلىپ بارماقتا. (گۈلچېھرە)