قازاقىستان كېڭەش پالاتا رەئىسى توقايىف ئۈرۈمچىدە قازاق تەتقىقاتچىلار بىلەن سۆھبەت ئۆتكۈزدى

28 - يانۋار قازاقىستان پارلامېنتى ئالىي كېڭەش پالاتاسى رەئىسى توقايىف ئۇيغۇر ئېلىدە زىيارەتتە بولۇش جەريانىدا، قازاق تەتقىقاتى بىلەن شۇغۇللىنىدىغان بىر قىسىم قازاق تەتقىقاتچىلار بىلەن سۆھبەت يىغىنى ئۆتكۈزگەن بولۇپ، سۆھبەت يىغىنىدا ئىككى تەرەپ قازاق تارىخى ۋە مەدەنىيىتىدىكى تەتقىقات نەتىجىلىرىدىن ئورتاقلىشىش ئارزۇسى بارلىقىنى ئىلگىرى سۈرگەن.

تەڭرىتاغ تورىدا كۆرسىتىشىچە، مەزكۇر سۆھبەت يىغىنىغا ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتى مۇدىرى ئەركىن ئىمىر باقى ۋە سىياسى كېڭەش رەئىسى ئەسقەت كەرىمباي قاتارلىقلار قاتناشقان.

خەۋەردە كۆرسىتىلىشىچە، ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى ئىجتىمائىي پەنلەر ئاكادېمىيىسى باشلىقى مياۋ پۇشېڭ ۋە بىر قىسىم قازاق مىللىتىدىن بولغان تارىخ تەتقىقاتچىلىرى ئىشتىراك قىلغان ۋە ئايرىم - ئايرىم ھالدا قازاق مىللىتىنىڭ تارىخى تەتقىقاتى جەھەتلەردە قولغا كەلتۈرگەن ئىلمىي نەتىجىلەرنى تونۇشتۇرغان ۋە قازاقىستاننىڭ تارىخ ۋە مەدەنىيەت ئەھۋالى ئۈستىدە پىكىر ئالماشتۇرغان.

خەۋەردە ئوتتۇرىغا قويۇلۇشىچە، سۆھبەت يىغىنى جەريانىدا ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىدىكى قازاق تەتقىقاتچىلار ۋە قازاقىستان ئالىملىرى قازاق تارىخى ۋە مەدەنىيىتى ھەققىدە چوڭقۇرلاپ مۇنازىرە ۋە مۇھاكىمە ئېلىپ بارغان بولۇپ، ئۇلار كەلگۈسىدە ئىلىم ساھەسىدە ئالاقىنى كۈچەيتىش، ئىلمىي نەتىجىلەردىن ئۆز-ئارا بەھرىمان بولۇش ئارزۇسىنى بىلدۈرۈشكەن.

ئەمما، بىر قىسىم قازاق ۋە قىرغىز تەتقىقاتچىلىرىنىڭ ئەسەرلىرىدىكى ئۇيغۇر تارىخى ۋە مەدەنىيىتىگە ئائىت پاكىتلارغا كۆز يۇمۇش خاھىشى ئالىملار ئارىسىدا غۇلغۇلا پەيدا قىلىۋاتقان بىر پەيتتە، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ بۇ خىل پائالىيەتلەرنى ئۇيۇشتۇرۇشى شۇنىڭدەك مۇھاكىمە يىغىنىدا قازاقىستاندا ياشايدىغان ئۇيغۇرلارنىڭ تارىخى ۋە مەدەنىيىتى جەھەتلەردە ئېلىپ بېرىلغان تەتقىقات ۋە بۇ ساھەدە قولغا كەلتۈرۈلگەن نەتىجىلەر ياكى قانداق خىزمەتلەر ئىشلەنگەنلىكى ھەققىدە ھېچقانداق پىكىرلەرنىڭ ئوتتۇرىغا چىقمىغانلىقى چەتئەللەردىكى تەتقىقاتچىلارنى ھەمدە ئۇيغۇر تەشكىلاتلىرىنى تەئەججۈپلەندۈرمەكتە. (جۈمە)