ئالتۇنبېكنىڭ ئۆلۈمى سەۋەبىدىن قازاقىستاننىڭ بىخەتەرلىك مىنىستىرى ئىستىپا بەردى

قازاقىستان بىخەتەرلىك كومىتېتىنىڭ باشلىقى نارتاي دۇتبايېۋ قول ئاستىدىكى بىر نەچچە كىشىلەرنىڭ، قازاقىستاندىكى داڭلىق سىياسىي ئۆكتىچى ئالتىنبېك سەرسانبايېۋنىڭ ئۆلۈمىگە چېتىلىپ قالغانلىقى سەۋەبىدىن چارشەنبە كۈنى خىزمىتىدىن ئىستىپا بەردى.

قازاقىستاندىكى ئۆكتىچىلەر ئالتىنبېك ئۆلۈمىنىڭ بىر سىياسىي سۈيقەست بولۇپ، بۇنىڭدا بىخەتەرلىك ئورگانلىرىنىڭ قولى بارلىغىنى بىلدۈرگەن ئىدى. بۇ جىنايەتنى سادىر قىلغان دېگەن گۇمان بىلەن قولغا ئېلىنغان 6 كىشىنىڭ ئىچىدە 5 ئى بىخەتەرلىك ئىدارىسىنىڭ ئادەملىرى بولۇپ چىققان.

نارتاي دۇتبايېۋ ئىستىپا خېتىنى پرېزىدېنت نۇرسۇلتان نازاربايېۋغا تاپشۇرغان ھەمدە مۇخبىرلارنى كۈتىۋېلىش يىغىنىدا، " مەن ھازىرقى بۇ ۋەزىيەتتە ئۆزەمنى دۆلەت بىخەتەرلىك كومىتېتىغا باشلىق بولۇشقا ۋىجدانىي جەھەتتىن ھوقۇقلۇق ئەمەس دەپ قارايمەن " دەيدۇ. ئۇ يەنە، قولغا ئېلىنغان بىخەتەرلىك ئىدارىسىنىڭ خادىملىرىنى " كەسپىي مەجبۇرىيىتىگە ۋە خەلقنىڭ مەنپەئەتىگە ساتقۇنلۇق قىلغان"دەپ ئەيىبلەپ، ئۇلارنىڭ چوقۇم جازالىنىشى كېرەكلىكىنى ئەسكەرتكەن.

پرېزىدېنت نۇرسۇلتان نازاربايېۋ چارشەنبە كۈنى ناراتاي دۇتبايېۋ بىلەن كۆرۈشكەن ھەمدە ئۇنىڭ ئىستىپا بېرىش ئىلتىماسىنى قوبۇل قىلغان. داڭلىق سىياسىي ئۆكتىچى ئالتىنبېك سەرسانبايېۋ قازاقىستان ناغىز ئاق يول پارتىيىسىنىڭ رەھبىرى بولۇپ، ئۇ 11‏- فېۋرال كۈنى گۆرۈگە ئېلىنىپ شوپۇرى بىلەن بىرگە ئېتىپ ئۆلتۈرۈلگەن. ۋەقەدىن كېيىن ئامېرىكىنىڭ قازاقىستاندا تۇرۇشلۇق ئەلچىخانىسى بايانات ئېلان قىلىپ، قازاقىستان ھۆكۈمىتىنى بۇ ۋەقە ئۈستىدىن "دەرھال ۋە تەلتۆكۈس" تەكشۈرۈش ئېلىپ بېرىشنى تەلەپ قىلغان ئىدى. (پەرىدە)