ئامېرىكا قازاقىستاندىكى كەڭ كۆلەمدە يوقۇتۇش خاراكتېرلىق قوراللارنى تازىلاش ئىشلىرى ئۈچۈن مەبلەغ ئاجراتتى

ئامېرىكا ھۆكۈمىتى قازاقىستاندا كەڭ كۆلەملىك يوقىتىش خاراكتېرلىق قوراللارنىڭ تارقىلىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئۈچۈن،35 مىليون دوللار مەبلەغ ئاجراتقانلىقىنى بىلدۈردى.

ئامېرىكا بىرلەشمە ئاخبارات ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا، بۇ مەبلەغ نۇن - لۇگېر پروگراممىسىغا بېرىلىدىكەن. نۇن - لۇگېر پروگراممىسى 1991 - يىلى سابىق سوۋېت جۇمھۇرىيەتلىرىدىكى كەڭ كۆلەملىك يوقىتىش خاراكتېرلىق قوراللارنى تازىلاش ۋە ئۇلارنىڭ تارقىلىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىش مەقسىتىدە قورۇلغان ئىدى.

قازاقىستاندا سابىق سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ ئەڭ چوڭ ئاتوم سىناق مەيدانى ۋە بىر بىئولوگىيىلىك قورال زاۋۇتى بولغان.

خەۋەرگە قارىغاندا، نۇن - لۇگېر پروگراممىسى 1992 - يىلىدىن بۇيان، قازاقىستاندىكى يادرو قوراللارنى يۆتكەش، تازىلاش، يادرو قالدۇقلىرىنى بىر تەرەپ قىلىش، كەڭ كۆلەمدە تاقاش خاراكتېرلىق قوراللارنى ئىشلەپچىقىرىش ئۈچۈن ئىشلىتىلگەن ھەربى زاۋۇتلارنى ئىتىش قاتارلىق ئۈچۈن خىزمەت قىلىپ، ئامېرىكا قاتارلىق دۆلەتلەرنىڭ 200 مىليون دوللاردەك ياردىمىگە ئېرىشكەن. (ئارزۇ)