قازاقىستان پرېزىدېنت سايلىمى بۇ يىل دېكابىرغا ئورۇنلاشتۇرۇلدى
2005.08.19
قازاقىستاندىكى نازاربايېف ھۆكۈمىتى بىلەن ئۆكتىچى كۈچلەر ئارىسىدىكى بىر مەزگىللىك تالاش-تارتىشتىن كېيىن، قازاقىستان دائىرىلىرى جۈمە كۈنى پرېزىدېنت سايلىمىنى بۇ يىل دېكابىرغا ئورۇنلاشتۇرغانلىقىنى جاكارلىدى.
فرانسىيە ئاخبارات ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، پرېزىدېنت سايلىمى 2005 - يىلى دېكابىرنىڭ بىرىنچى يەكشەنبە كۈنىگە يەنى 12 - ئاينىڭ 4 - كۈنىگە بېكىتىلگەن. نازاربايېف ھۆكۈمىتى ئىلگىرى پرېزىدېنت سايلىمىنى 2006 - يىلى دېكابىردا ئۆتكۈزۈشنى تەكىتلىگەن بولۇپ، بۇنىڭغا قازاقىستان ئۆكتىچىلىرى كۈچلۈك قارشى تۇرغان ئىدى.
قازاقىستاندىكى ئۆكتىچى كۈچلەر ئاساسىي قانۇننىڭ 41 - ماددىسى بويىچە، پرېزىدېنت ۋاقتى 7 يىل بولغانلىقى ئۈچۈن، بۇ ۋاقىت توشۇشنىڭ ئالدىدىكى دېكابىردا ئۆتكۈزۈشنى تەلەپ قىلدى. نۇرسۇلتان نازاربايېۋ 1999 -يىلى يانىۋاردا تەختكە چىققان بولۇپ، بۇنداق بولغاندا سايلام بۇ يىل دېكابىردا ئۆتكۈزۈلۈشى كېرەك. ئەمما نازاربايېف ھۆكۈمىتى بولسا، 94 - ماددىغا ئاساسەن، پرېزىدېنت ۋاقتى ئاخىرلاشقاندىن كېيىنكى دېكابىردا يەنى 2006 - يىلىدا سايلام ئۆتكۈزۈشنى تەكىتلىگەن.
قازاقىستاندىكى ئاساسلىق ئۆكتىچى ھەرىكەتنىڭ رەھبىرى بولغان ئامىرجان كوسانوف، نازاربايېف ھۆكۈمىتىنىڭ ئۆكتچىلەرنىڭ دېگىنىدەك قىلىشىنىڭ، مەسىلىنى چۈشەنگەنلىكتىن ئەمەس، بەلكى قورققانلىقىدىن مۇشۇنداق قىلغانلىقىنى بىلدۈرۈپ، "ھۆكۈمەت ئۆكتىچى كۈچلەرنىڭ 2006 - يىلى سايلام ئۆتكۈزۈشكە قەتئىي قوشۇلمايدىغانلىقىنى تونۇپ يەتكەن" دېدى.
نۇرسۇلتان نازاربايېف، قازاقىستان جۇمھۇرىيىتى سوۋېت ئىتتىپاقىدىن بۆلۈنۈپ چىققاندىن بۇيان پرېزىدېنتلىق ۋەزىپىسىنى ئۆتەۋاتقان بولۇپ، ئۇ تېخى يېقىندا، بۇ يىلمۇ ئۆزىنى يەنە پرېزىدېنتلىققا كۆرسىتىدىغانلىقىنى جاكارلىغان.
قازاقىستاندىكى ئۆكتىچى كۈچلەرنىڭ نازاربايېفقا بولغان نارازىلىقى كۈنسايىن ئېشىۋاتقان بولۇپ، بولۇپمۇ سابىق سوۋېت ئىتتىپاقى جۇمھۇرىيەتلىرىدىن بولغان گرۇزىيە، ئۇكرائىنىيە ۋە قىرغىزىستانلاردا يۈز بەرگەن ئۆكتىچى ئىنقىلابلارنىڭ ئارقا-ئارقىدىن غەلىبە قىلىشى، ئۇلارغا تېخىمۇ چوڭ مەدەت بولماقتا. (پەرىدە)
مۇناسىۋەتلىك ماقالىلار
- قازاقىستان-قىرغىزىستان رەھبەرلىرى ئۇچراشتى
- نەزەربايېف، ئۆكتىچىلەرنى قازاقىستاندا ئىنقىلاب ئېلىپ بارماسلىققا ئاگاھلاندۇردى
- ئوتتۇرا ئاسىيادىكى دىكتاتورلار غەرب ئەللىرىدىن "ئىنقىلاپ" ئېكسپورت قىلماسلىقنى تەلەپ قىلدى
- قازاقىستاندىكى سىياسىي ئۆكتىچى پارتىيە پائالىيىتىنىڭ چەكلىنىشىدىن ئەندىشە قىلماقتا
- قازاقىستاندا ئۆكتىچى سىياسىي پارتىيىنىڭ پائالىيىتى چەكلەندى