قازاقىستاندا 12 كىشى ئۆزلىرىنى پرېزىدېنت سايلىمىغا كاندىدات كۆرسەتتى

قازاقىستان مەركىزىي سايلام كومىتېتى دۈشەنبە كۈنى 12 كىشىگە، قازاقىستاندا ئالدىمىزدىكى دىكابىر ئېيىدا ئۆتكۈزۈلىدىغان پرېزىدېنت سايلىمىدا كاندىدات بولۇش سالاھىيىتى بەردى. دۈشەنبە كۈنى، دىكابىر ئېيىدا قازاقىستاندا ئۆتكۈزۈلىدىغان پرېزىدېنت سايلىمىدا ئۆزىنى كاندىدات قىلىپ كۆرسىتىدىغانلارنى ئەنگە ئالىدىغان ئاخىرقى كۈن ئىدى.

ئامېرىكا بىرلەشمە ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، 4 - دىكابىر كۈنى ئۆتكۈزۈلىدىغان پرېزىدېنت سايلىمىغا جەمئىي 17 كىشى ئۆزلىرىنى كاندىدات قىلىپ كۆرسەتكەن بولۇپ، قازاقىستان مەركىزىي سايلام كومىتېتى ئۇلارنىڭ 12 سىنىڭ كاندىداتلىقىنى قوبۇل قىلغان.

قازاقسىتان مەركىزىي سايلام كومىتېتى، قالغان بەش كىشىنىڭ كاندىداتلىقىنى قازاق تېلى ئىمتىھانىدىن ئۆتەلمىگەنلىكى ئۈچۈن رەت قىلغانلىقىنى بىلدۈردى.

گەرچە قازاقىستاندا ئۆتكۈزۈلىدىغان پرېزىدېنت سايلىمىغا 12 كىشى ئۆزلىرىنى كاندىدات قىلىپ كۆرسەتكەن بولسىمۇ، لېكىن خەۋەرلەرگە قارىغاندا بۇ سايلامدا بىر- بىرى بىلەن پرېزىدېنتلىقنى تالىشىدىغان ئەڭ كۈچلۈك ئىككى كاندىدات، قازاقىستاننىڭ نۆۋەتتىكى پرېزىدېنتى نۇرسۇلتان نازاربايېف بىلەن ئۆكتىچى "ئادالەتلىك بىر قازاقىستان ئۈچۈن" ئىتتىپاقىنىڭ رەئىسى جۇمەرخان تۇياقباي ئىكەن. (قانات)