قىرغىزىستاندا ۋەزىيەت جىددىيلەشمەكتە


2007.04.19

قىرغىزىستاندا پرېزىدېنت باقىيىف ھاكىمىيىتىگە قارشى 9 كۈندىن بېرى داۋاملىشىۋاتقان نارازىلىق ھەرىكىتى جىددىي تۈس ئېلىشقا باشلىدى.

پەيشەنبە كۈنى قىرغىزىستان بىخەتەرلىك قىسىملىرى بېشكەكتە پرېزىدېنت سارىيى ئەتراپىدا توپلانغان مىڭلىغان نامايىشچىنى تارقىتىش ئۈچۈن ياش ئاققۇزۇش بومبىسى ۋە ئاۋاز چىقىرىدىغان بومبىلارنى ئىشلەتتى.

ئامېرىكا بىرلەشمە ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، پرېزىدېنت باقىيىفنىڭ سارىيى ئالدىدا توپلانغان 7000 ئەتراپىدا نامايىشچى، پرېزىدېنت سارىيى ئەتراپىغا ئورۇنلاشتۇرۇلغان ساقچىلارغا تاش ۋە بوتۇلكىلارنى ئاتقان . ساقچىلار نامايىشچىلارنى تارقىتىش ئۈچۈن ياش ئاققۇزۇش بومبىسى ۋە ئاۋاز چىقىرىدىغان بومبا ئىشلەتكەن ۋە نامايىشچىلارنى پرېزىدېنت سارىيى ئەتراپىدىن ئۇزاقلاشتۇرغان.

خەۋەرلەرگە قارىغاندا، قىرغىزىستان ھۆكۈمىتى بىخەتەرلىك تەدبىرلىرىنى تېخىمۇ كۈچەيتكەن بولۇپ، بېشكەك شەھىرىنىڭ مەركىزى كۇچىسىدا قىرغىز بىخەتەرلىك قىسىملىرى چارلىماقتا. نامايىشچىلار پرېزىدېنتى باقىيىفتىن ۋەزىپىسىدىن ئىستپا بېرىپ، قىرغىزىستاندا يېڭى پرېزىدېنت سايلىمى ئۆتكۈزۈشىنى تەلەپ قىلماقتا.

كۆزەتكۈچىلەر، قىرغىزىستان سىياسىي ئۆكتىچى ھەرىكىتى تەرىپىدىن باشلانغان ۋە 9 كۈندىن بېرى تىنچلىق بىلەن داۋاملىشىۋاتقان بېشكەكتىكى نارازىلىق ھەرىكىتىنىڭ، قانلىق بىر ھەرىكەتكە ئايلىنىپ كېتىشىدىن ئەندىشە قىلماقتا.

پەيشەنبە كۈنى، قىرغىزىستان سىياسىي ئۆكتىچى ھەرىكىتىنىڭ رەھبەرلىرىنىڭ بېرى بولغان ئومەربېك تىكەبايىف مۇخبىرلارغا بەرگەن باياناتىدا "نامايىشچىلارنى بولۇپمۇ نامايىشچىلار ئارىسىدىكى ياشلارنى كونترول قىلىش بارغانسىرى قېيىنلىشىۋاتىدۇ" دېگەن كۆزەتكۈچىلەر تىكەبايىفنىڭ بۇ سۆزلىرىنى جىددىي بىر ئاگاھلاندۇرۇش، دەپ قارىماقتا. (ئومەر قانات)

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.