قىرغىزىستاندىكى داڭلىق كىشىلىك ھوقوق پائالىيەتچىسى تۇرسۇنبېك ئاخۇنوف ئىككى كۈن ئاۋال دۆلەت بىخەتەرلىك خادىملىرى تەرىپىدىن چاقىرتىلغاندىن كىيىن، ئىز - دېرەكسىز يوقالغان.
ئامېرىكا بىرلەشمە ئاخبارات ئاگېنتلىقىنىڭ بىلدۈرىشىچە، تۇرسۇنبېك ئاخۇنوف سەيشەنبە كۈنى قىرغىزىستان دۆلەت بىخەتەرلىك ئورگىنىنىڭ بىر يۇقىرى دەرىجىلىك ئەمەلدارى بىلەن كۆرۈشۈش ئۈچۈن ئۆيىدىن چېقىپ كەتكەن پېتى ھازىرغىچە قايتىپ كەلمىگەن.
ئەمما قىرغىزىستان دۆلەت بىخەتەرلىك ئورگىنىنىڭ باياناتچىسى، ئۇلارنىڭ تۇرسۇنبېك ئاخۇنوفنىڭ يوقاپ كېتىشى بىلەن مۇناسىۋىتى يوقلىغىنى، مەزكۈر ئورگاننىڭ ھىچقايسى خادىمىنىڭ سەيشەنبە كۈنى تۇرسۇنبېك ئاخۇنوف بىلەن ئالاقىلاشمىغانلىقىنى بىلدۈرگەن. قىرغىزىستاندىكى بىر قىسىم كىشىلەر، ئۇنىڭ گۆرۈگە ئېلىنغان بولىشى مومكىنلىگىنى پەرەز قىلماقتا.
تۇرسۇنبېك ئاخۇنوف ئىنسان ھوقوقىنى ھىمايە قىلىش ھەرىكىتى تەشكىلاتىنىڭ رەھبىرى بولۇپ، ئۇ يېقىندا پىرىزىدېنت ئەسقەر ئاقايېفنىڭ ئىستىپا بېرىشىنى تەلەپ قىلىدىغان ئوچۇق خەتكە ئىمزا يىغىش پائالىيەتلەرگە قاتناشقان. تۇرسۇنبېك ئاخۇنوف شۇنداقلا ئۇيغۇر مىللىي مۇستەقىللىق ھەرىكىتىنى قوللاپ كېلىۋاتقان ئوچوق سۆزلۈك زات بولۇپ، ئۇ ئىلگىرى قىرغىزىستان ھۆكۈمىتىنىڭ خىتاي ھۆكۈمىتىگە ياردەملىشىپ ئۇيغۇرلارنى باستۇرغانلىقىنى قاتتىق ئەيىپلىگەن ئىدى. (ئارزۇ)