ي ب ھ ت قىرغىزىستاننى ئەركىن ۋە ئادىل سايلام ئېلىپ بېرىشقا چاقىردى


2004.11.30

قىرغىزىستاننى زىيارەت قىلغان ياۋروپا بىخەتەرلىك ۋە ھەمكارلىق تەشكىلاتىنىڭ يۇقىرى دەرىجىلىك ئەلچىسى، قىرغىزىستان دائىرىلىرىنى ئۇكرائىنىيىدىكى كرىزىستىن ساۋاق ئېلىپ، قىرغىزىستاندا ئەركىن ۋە ئادىل سايلام ئېلىپ بېرىشقا چاقىردى.

ياۋروپا بىخەتەرلىك ۋە ھەمكارلىق تەشكىلاتىنىڭ ۋەكىلى مارتىي ئاختىسارى، 2005 - يىلى ئۆتكۈزۈلىدىغان قىرغىزىستان پارلامېنت سايلىمى بىلەن قىرغىزىستان پرېزىدېنت سايلىمىنىڭ 2000 - يىلدىكى سايلامدىن ياخشىراق ئۆتكۈزۈلۈشىنى ئۈمىد قىلغان. 2000 - يىلدىكى سايلام خەلقئارا كۆزەتكۈچىلەر ۋە قىرغىزىستاندىكى ئۆكتىچىلەرنىڭ تەنقىدىگە ئۇچرىغان ئىدى.

بىرلەشمە ئاخبارات ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، ئاختىسارى"ئۇكرائىنىيىدىكى كرىزىس، ھەممە ئادەمنىڭ سايلام ئادىل ۋە ئەركىن ئېلىپ بېرىلدى دىيەلىشى ئۈچۈن ئىنتايىن مۇھىملىقىنى كۆرسىتىدىغان تىپىك مىسال،" دەپ تەكىتلىگەن.

21- نويابىر ئۇكرائىنىيىدە ئۆتكۈزۈلگەن سايلام ئۆكتىچىلەرنىڭ مەملىكەت خاراكتېرلىك نارازىلىقىنى قوزغىغان. ئاختىسارى، دۈشەنبە كۈنى پرېزىدېنت ئاكايېف، تاشقىي ئىشلار مىنىستىرى ئەسقار ئايتماتوفلار بىلەن كۆرۈشۈپ، ئۆلۈم جازاسىنى يەنە كېچىكتۈرۈشنى تەلەپ قىلغان.

قىرغىزىستان 1998 - يىلدىن بېرى ئۆلۈم جازاسىنى ئىجرا قىلىشنى كېچىكتۈرۈپ كېلىۋاتىدۇ. سەيشەنبە كۈنى مۇخبىرلارنى كۈتۈۋېلىش يىغىنى ئۆتكۈزگەن ئاختىسارى، يېقىندا ئىز - دېرەكسىز يوقاپ كەتكەن قىرغىزىستاندىكى كىشىلىك ھوقۇق پائالىيەتچىسى تۇرسۇن ئاقىنوفنىڭ ئاقىۋىتىگە كۆڭۈل بۆلىۋاتقانلىقىنى ئەسكەرتكەن.(ئەقىدە)

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.