قىرغىزىستاندىكى ئۆكتىچىلەر قىرغىزىستان ھۆكۈمىتىنى ئاگاھلاندۇردى


2004.12.20

قىرغىزىستاندىكى ئۆكتىچىلەر دۈشەنبە كۈنى ھۆكۈمەت دائىرىلىرىنى ئاگاھلاندۇرۇپ، ئەگەر كىلەر يىلى قازاقىستاندا ئۆتكۈزىلىدىغان پارلامېنت ۋە پرېزىدېنت سايلىمىدا ساختىلىق ئەھۋاللىرى كۆرۈلسە، ئۇكرائىنىيىدىكىگە ئوخشاش كەڭ كۆلەملىك نامايىش ئۆتكۈزىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

ئامېرىكا بىرلەشمە ئاخبارات ئاگېنتلىقىنىڭ بىلدۈرىشىچە، قىرغىزىستاندىكى ئۆكتىچى يېڭى يۆلۈنۈش تەشكىلاتىنىڭ رەھبىرى مۇراتبىك ئىمانئەلىيېف ئەگەر كىلەر يىلى 2 - ئايدا ئۆتكۈزىلىدىغان پارلامېنت سايلىمىدا ساختىلىق ئەھۋاللىرى كۆرۈلسە، ئۆز تەشكىلاتىنىڭ نامايىش ئۆتكۈزۈشنى قوللايدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن. قىرغىزىستان خەلق ھەرىكىتى تەشكىلاتىنىڭ دېرىكتورىمۇ مۇراتبىك ئىمامئەلىيېفنىڭ مەيدانىنى قوللايدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.

بۇنىڭ ئالدىدا، قىرغىزىستان پرېزىدېنتى ئەسقەر ئاقايېف كىلەر يىلى جەمئىيەتتە ھەر خىل زىددىيەتلەرنىڭ كۈچىيىشى مۇمكىنلىكىنى بىلدۈرۈپ، " بەزى رادىكال كۈچلەر قوراللىق ۋاستە ئارقىلىق ھوقوق ئىگىلەشكە ئۇرۇنۇشى مۇمكىن " دىگەن. ئۇ سۆزىدە رادىكال كۈچلەرنىڭ كىملەر ئىكەنلىكىنى ئىنىق تىلغا ئالمىغان بولسىمۇ، ئىلگىرى نۇرغۇن قېتىم ئۆكتىچى گۇرۇپپىلارنى رادىكال دەپ ئەيىپلىگەن ئىدى.

ئۆكتىچىلەر ئەسقەر ئاقايېفنىڭ بۇ سۆزىنى تېررورچىلىققا قارشى كۆرەش باھانىسىدە ئېلىپ بارماقچى بولغان باستۇرىشلىرىنىڭ ھارپىسىدا، ئۆزىگە جامائەت پىكرى توپلاشقا ئۇرۇنغانلىقىنىڭ ئىپادىسى دەپ بىلدۈرمەكتە.

قىرغىزىستان پرېزىدېنتى ئەسقەر ئاقايېف كىلەر يىلى ئۆتكۈزىلىدىغان پارلامېنت ۋە پرېزىدېنت سايلاملىرىنىڭ ئادىل ئۆتكۈزۈلىشىگە كاپالەتلىك قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈرسىمۇ، ئەمما كۈزەتكۈچىلەر، بۇنىڭغا گۇمان بىلەن قارىماقتا. چۈنكى 1991 - يىلىدىن بويان قىرغىزىستاندا ئېلىپ بېرىلغان سايلاملارنىڭ ھىچقايسىسى ئادىل ۋە ئەركىن يوسۇندا ئېلىپ بېرىلغان ئەمەس.(ئارزۇ)

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.