قىرغىزىستان ئالىي سوتى ئاساسىي قانۇنغا كىرگۈزۈلگەن ئۆزگىرىشنى بىكار قىلدى
2007.09.15
قىرغىزىستان ئالىي سوتى جۈمە كۈنى، ئۆتكەن يىلى قىرغىزىستان پارلامىنتى تەرىپىدىن ئاساسىي قانۇنغا كىرگۈزۈلگەن ئۆزگىرىشلەرنى بىكار قىلدى. قىرغىزىستان ئالىي سوتىنىڭ بۇ قارارى بىلەن، پرېزىدېنت باقيىف پارلامېنتقا ئۆتكۈزۈپ بېرىشكە رازى بولغان بەزى سالاھىيەتلەر، قايتىدىن باقىيىفقا تاپشۇرۇلىدىغان بولدى.
كۆپچىلىككە مەلۇم بولغاندەك، ئۆتكەن يىلى قىرغىزىستاندا پرېزىدېنت باقىيىفقا قارشى ئۆتكۈزۈلگەن كەڭ كۆلەملىك نارازىلىق نامايىشلىرىدىن كېيىن، باقيىف، ئاساسىي قانۇنغا ئۆزگىرىش كىرگۈزۈپ، پرېزىدېنت سالاھىيەتلىرىنىڭ بىر قىسىمىدىن ۋازكىچىشنى قوبۇل قىلغان ئىدى.
يېقىندا، قىرغىزىستان پارلامېنتىنىڭ ئىككى ئەزاسى، ئۆتكەن يىلى نويابىر ۋە دېكابىر ئايلىرىدا قىرغىزىستان پارلامىنتى تەرىپىدىن ئاساسىي قانۇنغا كىرگۈزۈلگەن ئۆزگىرىشلەرنىڭ، قانۇنلارغا مۇۋاپىق بولۇپ-بولمىغانلىقى توغرىسىدا ھۆكۈم چىقىرىشى ئۈچۈن، قىرغىزىستان ئالىي سوتىغا ئەرز سۇنغان.
قىرغىزىستان ئالىي سوتى جۈمە كۈنى، ئۆتكەن يىلى 9- نويابىر ۋە 30 - دېكابىر كۈنلىرى ئاساسىي قانۇنغا كىرگۈزۈلگەن ئۆزگىرىشلەرنىڭ قانۇنلارغا مۇۋاپىق ئەمەس ئىكەنلىكى توغرىسىدا ھۆكۈم چىقاردى ھەمدە ئاساسىي قانۇنغا كىرگۈزۈلگەن ئۆزگىرىشلەرنى بىكار قىلدى.
قىرغىزىستان ئالىي سوتىنىڭ مەزكۇر قارارى بىلەن، 2003- يىلىدىكى ئاساسىي قانۇن، قايتىدىن ئىجرا قىلىنشقا باشلاندى . بۇ ئاساسىي قانۇن، پرېزىدېنت باقىيىفقا پارلامېنتنى بىكار قىلىش، ھۆكۈمەتنى ۋە مىنىستىرلارنى تەيىنلەش قاتارلىق سلاھىيەتلەرنى بېرىدۇ. (ئۆمەر قانات)
مۇناسىۋەتلىك ماقالىلار
- قىرغىزىستان 120 دۆلەتنىڭ قاتنىشىشى بىلەن خەلقئارالىق گۈزەللىك مۇسابىقىسى ئۆتكۈزمەكچى
- خۇجىنتاۋ قىرغىزىستان زىيارىتىنى باشلىدى
- ئامېرىكا ئۇيغۇر جەمئىيىتى شاڭخەي گۇرۇھىنىڭ ھەربىي مانېۋىرىنى ئەيىبلىدى
- قىرغىزىستان تاشقى ئىشلار مىنستىرى
- ياپونىيە قىرغىزىستانغا ئاكتىپ ياردەم بېرىدۇ
- بىشكەك سەنئەتكارلىرى شاڭخەي ھەمكارلىقىنىڭ يىغىنىغا جىددىي تەييارلىق قىلماقتا
- قىرغىزلار بىلەن ئۆزبېكلەر ئوتتۇرىسىدىكى مۇناسىۋەت بارغانسېرى جىددىيلەشمەكتە
- ئامېرىكا مۇداپىئە مىنىستىرى قىرغىزىستاننى زىيارەت قىلماقچى
- قۇلۇپنىڭ قىرغىزىستاننى رۇسىيىگە قېتىش تەكلىپى مەركىزى ئاسىيالىقلارنىڭ ئىنكاسىنى قوزغىدى
- خىتاي قىرغىزىستانغا شاڭخەي گۇرۇھىنىڭ يىغىنىنىڭ بىخەتەرلىكىنى بىرلىكتە قوغداش تەكلىپىنى بەردى