قىرغىزىستاننىڭ نارىن ئوبلاستىدىكى پۇقرالار خىتاي ئالتۇن قازغۇچىلىرىدىن نارازى بولدى
2007.10.21
قىرغىزىستاننىڭ، ئۇيغۇر ئېلىنىڭ قەشقەر تەۋەسى بىلەن چېگرىلىنىدىغان نارىن ئوبلاستىنىڭ نارىن رايونى، جېرغىتال يېزىسىنىڭ پۇقرالىرى قىرغىزىستان ئالىي كېڭىشى ھەم ھۆكۈمىتىگە ئەرز سۇنۇپ، ئۆزلىرىنىڭ بۇ يەردە پائالىيەت ئېلىپ بېرىۋاتقان خىتاي ئالتۇن قازغۇچىلىرىغا بولغان نارازىلىقلىرىنى ئىپادىلىگەن ھەمدە خىتاي شىركىتى "رېتمېت"كە نىسبەتەن مۇناسىۋەتلىك چارىلەرنى كۆرۈشنى تەلەپ قىلغان.
پەرغانە ئاگېنتلىقىنىڭ بۇ ھەقتىكى ئۇچۇرلىرىغا قارىغاندا، يېزا پۇقرالىرىنىڭ ئەرزىدە بىلدۈرۈلىشىچە، خىتاي شىركىتىنىڭ ئىشچىلىرى مەزكۇر يېزىنىڭ 40 گېكتار يايلاق رايونىدا ھېچقانداق ئالدىن-ئالا ئۇقتۇرۇش قىلماستىنلا ئالتۇن قېزىش ئىشلىرىنى باشلىۋەتكەن.
بۇ ئەھۋال پۇقرالارنىڭ نارازىلىقىنى قوزغىغان بولۇپ، نارىن پۇقرالىرى ئۆز ھۆكۈمىتىگە يازغان بىلدۈرۈشىدە، ئەگەر مەزكۇر خىتاي شىركىتىنىڭ ئالدىن ئالا ئۇقتۇرماستىن ئېلىپ بېرىۋاتقان ئالتۇن قېزىش ئىشلىرىنى توختاتمىسا، يېزا پۇقرالىرى بىلەن خىتاي ئىشچىلىرى ئارىسىدا توقۇنۇش كېلىپ چىقىدىغانلىقىنى ئاگاھلاندۇرغان.
مەلۇمكى، تەڭرى تاغلىرى ۋە پامىرنىڭ قىرغىزىستان نارىن ئوبلاستى ۋە ئىسسىق كۆل ئوبلاستىغا تەۋە قىسىملىرىدا مول ئالتۇن زاپىسى بار بولۇپ، ئۇزۇندىن بۇيان كانادا قاتارلىق دۆلەتلەرنىڭ شىركەتلىرى بۇ يەردىن ئالتۇن قازماقتا، نۆۋەتتە، خىتاي تەرەپنىڭ مەزكۇر جايلاردا قىرغىزىستان تەرەپ بىلەن سۆزلىشىپ، ئالتۇن قېزىش ئىشلىرى ئېلىپ بارماقتا.(ئۈمىدۋار)
مۇناسىۋەتلىك ماقالىلار
- قىرغىزىستاندا ئۇيغۇرلار روزا ھېيت بايرىمىنى قىزغىن كۈتۈۋالدى
- قىرغىزىستان پرېزىدېنتىنىڭ كېلىشتۈرگۈچى ۋەكىلى خىتاي كۆمۈرچىلىك كارخانىلىرىنى ئەيىبلىدى
- خىتاي ھەربىي دائىرىلىرى رۇسىيە-خىتاي بىرلەشمە مانېۋىرغا قاتناشقانلارنى مۇكاپاتلىدى
- قىرغىزىستان ئالىي سوتى ئاساسىي قانۇنغا كىرگۈزۈلگەن ئۆزگىرىشنى بىكار قىلدى
- شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتىغا ئەزا دۆلەت باشلىقلىرىنىڭ ئالىي دەرىجىلىك ئۇچرىشىشى بىشكەكتە باشلاندى
- خۇجىنتاۋ قىرغىزىستان زىيارىتىنى باشلىدى
- ئامېرىكا ئۇيغۇر جەمئىيىتى شاڭخەي گۇرۇھىنىڭ ھەربىي مانېۋىرىنى ئەيىبلىدى
- "بىشكەكتە ئۇيغۇر تىجارەتچىلەر تۇتقۇن قىلىنماقتا"
- قىرغىزىستان تاشقى ئىشلار مىنستىرى