ئامېرىكا قىرغىزىستاندىن سۈيقەستكە ئۇچرىغان مۇخبىرنىڭ قاتىلىنى ئېنىقلاشنى تەلەپ قىلدى
2007.10.26
ئامېرىكا قىرغىزىستان دائىرىلىرىنى مەتبۇئات ئەركىنلىكىگە ھۆرمەت قىلىشقا چاقىرىپ، چارشەنبە كۈنى قىرغىزىستاننىڭ ئوش شەھىرىدە ئۆلتۈرۈلگەن ئامېرىكا ئاۋازى رادىئوسىنىڭ ئۆزبېك بۆلۈمى مۇخبىرى ئەلىشىر سايىپوفنىڭ قاتىلىنى ئېنىقلاپ چىقىشنى تەلەپ قىلدى.
بۇ يىل 26 ياشلاردىكى ئەلىشىر سايىپوف، ئامېرىكا ئاۋازى رادىئوسى بىلەن ئەركىن ياۋروپا رادىئوسى ئۆزبېك بۆلۈمىنىڭ ئوش ئوبلاستىدىكى ئىختىيارى مۇخبىرى بولۇپ، ئۇ چارشەنبە كۈنى ئەتىگەندە نامەلۇم كىشىلەر تەرىپىدىن ئۆيى ئالدىدا ئېتىپ ئۆلتۈرۈلگەن.
ئامېرىكىنىڭ قىرغىزىستاندىكى باش ئەلچىخانىسى پەيشەنبە كۈنى تور بېتىدە بايانات ئېلان قىلىپ، " بىز ، بۇ ۋەھشىيانە ھەرىكەت ئۈستىدىن دەرھال ۋە ئۈزۈل - كېسىل تەكشۈرۈش ئېلىپ بېرىلىشىنى ئۈمىد قىلىمىز " دېدى. باياناتتا يەنە، "ئاخباراتچىلار ۋە ئۇلارنىڭ تەرەپسىز خەۋەرچىلىكى ئەركىن ۋە ئوچۇق جەمئىيەتنىڭ ھۇل تېشىدۇر. شۇنداقلا ئۇلارغا بۇزغۇنچىلىق قىلىش ياكى ئۇلارنىڭ ئاۋازىنى بوغۇش يولىدىكى ھەر قانداق ئۇرۇنۇشقا سۈكۈت قىلىنمايدۇ،" دەپ كۆرسىتىلدى.
ئوش شەھىرى قىرغىزىستاننىڭ ئۆزبېكلەر كۈپ سانلىقنى ئىگىلەيدىغان ، ئۆزبېك چېگرىسىدىكى ۋەزىيىتى سەزگۈر رايونلارنىڭ بىرى بولۇپ، ئەلىشىر سايپىوف بۇ يەردىن ئۆزبېكىستاندىكى كىشىلىك ھوقۇق ۋە دىنىي ئەركىنلىك دەپسەندىچىلىكنى پاش قىلىدىغان نۇرغۇن خەۋەرلەرنى بەرگەن. بۇنىڭ ئالدىدا ئامېرىكا ئاخبارات مەمۇرى كومىتېتى ئەلىشىر سايىپوفنىڭ ئۆلتۈرۈلۈش ۋەقەسىنى ئەيىبلەپ، قىرغىزىستان دائىرىلىرىدىن قاتىلنى تېپىپ چىقىشنى تەلەپ قىلغان ئىدى. (ئەركىن)
مۇناسىۋەتلىك ماقالىلار
- پرېزىدېنت باقىيېف قىرغىزىستان پارلامېنتىنى تارقىتىۋېتىش بۇيرۇقى چۈشۈردى
- قىرغىزىستاننىڭ نارىن ئوبلاستىدىكى پۇقرالار خىتاي ئالتۇن قازغۇچىلىرىدىن نارازى بولدى
- ئۆزبېكىستان -رۇسىيە بىخەتەرلىك دائىرىلىرى داۋاملىق پۈتۈشتى
- قىرغىزىستان ئالىي سوتى ئاساسىي قانۇنغا كىرگۈزۈلگەن ئۆزگىرىشنى بىكار قىلدى
- كىشىلىك ھوقۇقنى كۈزۈتۈش تەشكىلاتى خىتاينى ۋەدىسىگە ئەمەل قىلمىدى دەپ ئەيىبلىدى
- ئۆزبېكىستاندا خەلقئارالىق ناخشا-مۇزىكا فېستىۋالى ئۆتكۈزۈلدى
- ئۆزبېكىستان خەلقىنىڭ كېلەچەككە بولغان ئۈمىدى
- ئۆزبېكىستاننىڭ ۋەزىيىتى ھەققىدە تۈرلۈك ئانالىزلار مەيدانغا كەلمەكتە
- خۇجىنتاۋ قىرغىزىستان زىيارىتىنى باشلىدى
- ئامېرىكا ئۇيغۇر جەمئىيىتى شاڭخەي گۇرۇھىنىڭ ھەربىي مانېۋىرىنى ئەيىبلىدى