ئۆكتىچىلەر قىرغىزىستاندىكى سايلامنىڭ ئادىل ئېلىپ بېرىلمىغانلىقىنى بىلدۈرمەكتە


2007.12.20

قىرغىزىستاندىكى سايلامنىڭ پەيشەنبە كۈنى ئېلان قىلىنغان ئەڭ يېڭى خۇلاسىدىن قارىغاندا، پرېزىدېنت قۇرمانبېك باقىيېفنىڭ " ئاق جول پارتىيىسى" دىن باشقا يەنە ئىككى پارتىيە يەنى ئۈچ پارتىيە پارلامېنتتىن ئورۇن ئالغان. ئەمما سايلامدا يۇقىرى ئاۋازغا ئېرىشكەن ئۆكتىچى پارتىيە " ئاتا - ماكان پارتىيىسى " ۋە باشقا ئۆكتىچى پارتىيىلەر قىرغىزىستان ھۆكۈمەت دائىرلىرىنى سايلامدا ھىيلە ئىشلەتتى دەپ ئەيىبلىمەكتە.

خەۋەرلەرگە قارىغاندا، گەرچە ئاتا ‏- ماكان پارتىيىسى سايلامدا ئاۋازلارنىڭ 2. 9 پىرسەنتىنى قولغا كەلتۈرگەن بولسىمۇ، لېكىن قىرغىزىستاننىڭ جەنۇبىي رايونىدا يېقىندا ئۆزگەرتىلگەن سايلام قانۇنىدا رايونلار ئۈچۈن ئوتتۇرىغا قويۇلغان 5. 9 پىرسەنتلىك توساقتىن ئۆتەلمىگەنلىكى ئۈچۈن پارلامېنتقا كىرەلمىگەن.

ئامېرىكا بىرلەشمە ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، سايلامدىن كېيىن قىرغىزىستاندا توقۇنۇش يۈز بېرىش ئېھتىماللىقى ئالدىن سەزگەن پرېزىدېنت باقىيېف يېتەكچىلىكىدىكى ئاق جول پارتىيىسى، سايلام قانۇنىدىكى رايونلار ئۈچۈن ئوتتۇرىغا قويۇلغان 0.5 پىرسەنتلىك توساقنى بىكار قىلىش ئۈچۈن قىرغىزىستان ئالى سوتىغا ئەرز سۇنغان بولۇپ، قىرغىزىستان ئالى سوتى مەزكۇر مەسىلە ئۈستىدە مۇزاكىرە ئېلىپ بارىدىكەن.

بۇ ئارىدا ئاتا - ماكان پارتىيىسى بىلەن يەنە بىر ئۆكتىچى پارتىيە، جۈمە كۈنى مەملىكەتنىڭ ھەرقايسى جايلىرىدىكى ھۆكۈمەت بىناسى ئالدىدا نارازلىق نامايىشى ئۆتكۈزىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن. (ئەقىدە)

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.