قىرغىزىستاننىڭ جەنۇبىي رايونىدىكى قىرغىزلار بىلەن ئۆزبېكلەر ئوتتۇرىسىدىكى مۇناسىۋەت بارغانسېرى جىددىيلەشمەكتە.
قىرغىزىستاننىڭ ئوش رايونىدىكى ئۆزبېكلەر ئۇزۇندىن بېرى، قىرغىز دائىرىلىرىنىڭ ئۇلارغا ئىككىنچى دەرىجىلىك پۇقرا مۇئامىلىسى قىلىۋاتقانلىقىدىن شىكايەت قىلىپ كەلگەن ئىدى. لېكىن ئۆتكەن يىلىدىن بېرى مۈلۈك ھوقۇقى مەسىلىلىرى تۈپەيلى، ئوش رايوندىكى ئۆزبېك جامائىتىنىڭ قىرغىزىستان ھۆكۈمىتىگە بولغان نارازىلىقى تېخىمۇ كۈچەيگەن.
ئوش رايوندىكى ھۆكۈمەت دائىرىلىرىنىڭ قىرغىزلار، ئۆزبېكلەرنىڭ يەر-زېمىنلىرىنى تارتىۋالسا، ئۇنى كۆرمەسلىككە سېلىپ، ئۆزبېكلەر قىرغىزلارنىڭ يەر - زېمىنىگە چېقىلسا، ئۆزبېكلەرگە قارشى قاتتىق قوللۇق بىلەن مۇئامىلە قىلىشى، ئۆزبېكلەرنىڭ قاتتىق غەزىپىنى قوزغىغان.
خەۋەرلەرگە قارىغاندا، بۇ يىل يانۋار ئېيىدا ئوش رايونىدا قادىرجان باتۇروف ئىسىملىك بىر ئۆزبېك سىياسىيونى ۋە كارخانچىسىنىڭ يېتەكچىلىكىدە ۋەتەن ھەرىكىتىنىڭ قۇرۇلغانلىقى، قىرغىز مىللەتچىلىرىنىڭ نارازىلىقىنى قوزغىغان. قىرغىز مىللەتچىلىرى، ئەزالىرى ئاساسەن ئۆزبېكلەردىن تەشكىل تاپقان ۋەتەن ھەرىكىتىنى قىرغىزىستاننىڭ جەنۇبىي رايونىنى ئۆزبېكىستانغا قوشۇشنى مەقسەت قىلغان بىر تەشكىلات دەپ قارىماقتا.
قىرغىز دائىرىلىرى، قىرغىزىستاندىكى تەشكىلاتلار ئىشلىتىدىغان تىل ۋە يېزىقنىڭ ئىككى تىلدا يەنى قىرغىز ياكى رۇس تىلىدا بولۇشى كېرەكلىكىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، ھازىرغىچە ۋەتەن ھەرىكىتىنى رەسمىي ئەنگە ئېلىشنى رەت قىلماقتا . باتۇرۇف، ۋەتەن كەلىمىسىنىڭ پەقەت ئۆزبېك تىلىدىلا ئەمەس، ئۇيغۇر، كۇرد ۋە تاجىك تىللىرىدىمۇ ئانا يۇرتنى ئىپادىلەيدىغانلىقىنى تەكىتلەپ، بۇ ، ۋەتەن ھەرىكىتىنىڭ ئۆزبېكلەرگە ئەمەس، قىرغىزىستاندىكى بارلىق ئاز سانلىق مىللەتلەرگە ۋەكىللىك قىلىدىغان بىر ھەرىكەت ئىكەنلىكىنىڭ بىر ئىسپاتى دەپ، كۆرسەتكەن.
سىياسىي مۇلاھىزىچىلەر، 1990- يىلى قىرغىزىستاننىڭ ئوش رايونىدا قانلىق ئېتنىك توقۇنۇشلار يۈز بەرگەنلىكىنى ئەسكەرتىپ، رايوندا قىرغىزلار ۋە ئۆزبېكلەر ئوتتۇرىسىدا كۈنسېرى جىددىيلىشىۋاتقان ۋەزىيەتنىڭ يەنە بىر توقۇنۇش كەلتۈرۈپ چىقىرىشىدىن ئەندىشە قىلماقتا. (ئەقىدە)