قىرغىزىستان پرېزىدېنتى موسكۋانى رەسمىي زىيارەت قىلدى

4-ئاينىڭ 24-كۈنى ، قىرغىزىستان پرېزىدېنتى قۇرمانبېك باقىيېۋ پرېزىدېنتلىق ۋەزىپىسىنى تاپشۇرۇۋالغاندىن كېيىنكى تۇنجى موسكۋا زىيارىتىنى باشلىدى. ئۇ، رۇسىيە پرېزىدېنتى ۋلادىمىر پۇتىن بىلەن كۆرۈشۈپ، قىرغىزىستان بىلەن رۇسىيىنىڭ ئىقتىسادىي، بىخەتەرلىك ۋە ئىستراتېگىيىلىك ھەمكارلىق مۇناسىۋەتلىرى بويىچە پىكىر ئالماشتۇردى.

ئىنتېرفاكىس ئاگېنتلىقىنىڭ ئۇچۇرىدىن مەلۇم بولۇشىچە، قىرغىز پرېزىدېنتىنىڭ بۇ قېتىمقى زىيارىتىدىكى مۇھىم تېمىلارنىڭ بىرى رۇسىيە شىركەتلىرىنىڭ قىرغىزىستاننىڭ نېفىت، تەبىئىي گاز ۋە ئېنېرگېتىكا ساھەسىگە قاتنىشىپ، بىرلەشمە ۋە ئايرىم پىلانلارنى ئەمەلگە ئاشۇرۇشنى مۇزاكىرە قىلىش بولۇپ ھېسابلىنىدىكەن.

بۇنىڭدىن باشقا يەنە كۆچمەن ئىشچىلار مەسىلىسى ۋە مەدەنىيەت ھەمكارلىقلىرىمۇ مۇزاكىرىلەر قاتارىدىن ئورۇن ئالىدىكەن. لېكىن، قۇرمانبېك-پۇتىن سۆھبەتلىرىدىكى ئەڭ مۇھىم نۇقتا يەنىلا " مۇستەقىل دۆلەتلەر ھەمدوستلۇقى ، كوللېكتىپ بىخەتەرلىك تەشكىلاتى ۋە شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتى قاتارلىقلار رامكىسى ئاستىدا رايوننىڭ بىخەتەرلىكىنى ۋە مۇقىملىقىنى كاپالەتكە ئىگە قىلىشنى مۇزاكىرە قىلىشتۇر" دەپ كۆرسەتكەن قىرغىزىستان پرېزىدېنت ئاپپاراتىنىڭ ئاخبارات ئورگىنى. قىرغىزىستان پرېزىدېنتى باقىيېۋ ئۆزىنىڭ موسكۋا زىيارىتىدىن بىر ھەپتە ئىلگىرى ۋاشىنگتوندىن بىشكەكتىكى ئامېرىكا ھەربىي بازىسىنىڭ كىرا ھەققىنى ئاشۇرۇپ بېرىشنى ، ئۇنداق بولمىغاندا، ئامېرىكا ھەربىي بازىسىنى ھەر ۋاقىت تاقايدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن ئىدى.(ئۈمىدۋار)