قۇلۇپنىڭ قىرغىزىستاننى رۇسىيىگە قېتىش تەكلىپى مەركىزى ئاسىيالىقلارنىڭ ئىنكاسىنى قوزغىدى
2007.06.03
يېقىندا قازاقىستان پرېزىدېنتى نۇرسۇلتان نازاربايېف مەركىزى ئاسىيا دۆلەتلىرى ئىتتىپاقىنى قۇرۇپ، ئورتاق گۈللىنىش تەكلىپىنى بەرگەن ئىدى. مانا ئەمدى ، ئۇنىڭ ئەكسىچە قىرغىزىستان ئۆكتىچى رەھبەرلىرىدىن بىرى، سابىق باش مىنىستىر فېلىكىس قۇلوپ، قىرغىزىستاننى رۇسىيىگە كونفېدېراتسىيە شەكلى بىلەن قوشۇش تەكلىپىنى ئوتتۇرىغا قويغاندىن كېيىن، بۇ ھەقتە مەركىزىي ئاسىيا زىيالىيلىرىدا ئىنكاسلار قوزغالدى.
مۇتەخەسسىسلەرنىڭ قارىشىچە، ھەقىقەتەن ھازىر قىرغىزىستاندا يۈز بېرىۋاتقان ئېغىر ئىقتىسادىي قىيىنچىلىق تۈپەيلىدىن ئاھالىلارنىڭ خېلى كۆپ قىسىمى بۇ پىكىرنى قوللىشى مۇمكىن، لېكىن نۇرسۇلتان نازاربايېفنىڭ مەركىزىي ئاسىيا دۆلەتلىرى ئىتتىپاقى قىرغىزىستان خەلقىغە كۆپرەك مەنپەئەت ئېلىپ كېلىش ئېھتىماللىقى زور .
ئۆزبېكىستانلىق سىياسىيون ئۇلۇغبەك ئابدۇسالاموۋنىڭ قارىشىچە، مەركىزىي ئاسىيا جۇمھۇرىيەتلىرىنىڭ رۇسىيە بىلەن بىرلىشىشى بىلەن مەركىزىي ئاسىيا دۆلەتلىرى ئىتتىپاقى دېگەن بىرلىك ئاستىغا ئۇيۇشىشنىڭ ئارىسىدا زور پەرق مەۋجۇت. رۇسىيە بىلەن كونفېدېراتسىيە بولۇش دېگەنلىك رۇسىيىگە سىياسىي ،مەنىۋى، ئىقتىسادىي ۋە باشقا جەھەتلەردىن قارام بولۇش دېگەنلىكتۇر، مەركىزى ئاسىيا ئىتتىپاقى بولسا، ئۆزارا باراۋەرلىك ئاساسىدا قۇرۇلۇشى مۇمكىن .
قۇلنىڭ بۇ قارارىغا نىسبەتەن ئۇنىڭ بىلەن بىر سەپتە تۇرۇپ، پرېزىدېنت باقىيېفقا قارشى چىققان بىر قىسىم ئۆكتىچىلەرمۇ قارشى تۇرغان . سابىق پارلامېنت باشلىقى ئۆمۈربەك تېكەبايېف بۇنىڭدىن نارازى بولۇپ، رۇسىيىنىڭ ئۆزى تەكلىپ بەرمىگەن ئەھۋال ئاستىدا ئوتتۇرىغا قويۇلغان مەزكۇر ئىدىيىنىڭ نامۇۋاپىق ئىكەنلىكىنى كۆرسەتكەن.
ئامېرىكىدا تۇرۇشلۇق ئىسمىنى ئاشكارىلاشنى خالىمىغان بىر قىرغىزىستانلىق فېنىكس قۇلۇپنىڭ مەزكۇر ئىدىيىسى تېخى ئەمدىلا دۇنياغا كەلگەن قىرغىز دۆلىتىنىڭ مۇستەقىللىقىنى قايتىدىن يوقىتىشتىن باشقا نەرسە ئەمەس، ئۇنىڭ ئورنىغا قىرغىزىستان مەركىزى ئاسىيا دۆلەتلىرى ئىتتىپاقىغا كىرىشى ۋە دۆلەتتە مۇقىم , ياخشى ئىقتىسادىي سىياسەت يۈرگۈزۈشى لازىم دەيدۇ.(ئۈمىدۋار)
مۇناسىۋەتلىك ماقالىلار
- ئوتتۇرا ئاسىيانىڭ دېموكراتىك مەركىزى - قىرغىزىستان
- قىرغىزىستان ئۆكتىچىلىرىنىڭ ئالاتاۋ مەيدانىدىكى نارازىلىق ھەركىتىنى داۋاملاشماقتا
- قىرغىزىستان ئۇيغۇر ئىتتىپاقىنىڭ يىغىنى ئۆتكۈزۈلدى
- قىرغىز كىشىلىك ھوقوق پائالىيەتچىسى ئىز دېرەكسىز يوقالدى
- ئامېرىكا ۋە قىرغىزىستان ئىككى تەرەپ ئورتاق يوسۇندا تېرورچىلىققا قارشى تۇرۇشنى تەشەببۈس قىلدى
- ئوتتۇرا ئاسىيا ھەمكارلىق تەشكىلاتىنىڭ باشلىقلار يىغىنى ئۆتكۈزۈلدى
- روسىيە قىرغىزىستاندىكى ھاۋا ئارمىيە بازىسىنى كېڭەيتمەكچى
- ئايتماتوف، ئورتاق تۈركىي تىل تەرەققىياتى ھەققىدە توختالدى