قىرغىزىستان پرېزىدېنتى ئەسقەر ئاقايېف پەيشەنبە كۈنى، قىرغىزىستان پارلامېنتى سايلىمىنىڭ كېلەر يىلى 27 - فىۋرال كۈنى، پرېزىدېنت سايلىمىنىڭ 30 - ئۆكتەبىر كۈنى ئۆتكۈزىلىدىغانلىقىنى جاكارلىدى.
سابىق سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ پارچىلىنىشى بىلەن مۇستەقىللىققا ئېرىشكەن، ئوتتۇرا ئاسىيادىكى بەش جۇمھۇرىيەتنىڭ پرېزىدېنتلىرى ھازىرغىچە يەڭگۈشلىنىپ باقمىدى.
فرانسىيە ئاخبارات ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا، پرېزىدېنت ئەسقەر ئاقايېف دۆلەت تېلېۋىزىيىسىدە سۆزلىگەن نۇتۇقىدا، بۇ قېتىمقى سايلامنىڭ ھىچكىم مەسىلە تاپالمىغىدەك دەرىجىدە ئادىل ئۆتكۈزىلىشىدە چىڭ تۇرىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن. بۇنىڭ ئالدىدا ئۇ يەنە، بۇ قېتىمقى سايلامدا ئورۇن بوشىتىدىغانلىقىنى ۋەدە قىلغان ئىدى.
بىراق تەنقىدىي قاراشتىكىلەر، ئاقايېفنىڭ بۇ قېتىم ھەقىقەتەن ھاكىمىيەتنى ئۆتكۈزۈپ بېرىدىغانلىقىغا گۇمان بىلەن قارىماقتا. ئۇلار ئاقايېف پرېزىدېنت بولغاندىن بۇيانقى، سايلام ۋە رىفىرامدۇملاردا مەسىلە كۆرۈلگەنلىكىنى بىلدۈرۈپ، ئەگەر بۇ قېتىم ساختىلىق ئەھۋاللىرى كۆرۈلسە، دۆلەتتە مۇقىمسىزلىق كېلىپ چىقىشى مۇمكىنلىكىنى كۆرسەتمەكتە. (ئارزۇ)