27 - يانۋار قىرغىزىستان ئالىي كېڭەش پارلامېنت سايلىمىنىڭ يېقىنلىشىشىغا ئەگىشىپ، قىرغىزىستاننىڭ سىياسىي ۋەزىيىتى جىددىي بىر باسقۇچقا قەدەم قويدى. بۇ ئارىدا قىرغىزىستاندىكى ئىنتېرنېت ۋە ھەرقايسى مەتبۇئاتلار، قىرغىزىستاننىڭ ھوقۇقتىكى ھۆكۈمىتىنىڭ سىياسىي ئويۇنلىرى ۋە شۇ سەۋەبتىن كېلىپ چىقىۋاتقان كىشىلىك ھوقۇق دەپسەندىچىلىكلىرى ھەققىدە تۈرلۈك بەس-مۇنازىرىلەرنى ئېلان قىلماقتا.
يېقىندا قىرغىزىستاندا چىقىدىغان داڭلىق "مايا ستارىتسا" گېزىتى " قىرغىزىستان ھۆكۈمىتى ئۇرۇشقا تەييارلانماقتا" دېگەن بىر پارچە ماقالىنى ئېلان قىلغان. ماقالىدا قىرغىزىستان ھۆكۈمىتىنىڭ باش مىنىستىرى ۋە سايلام كومىتېتىنىڭ باشلىقى نىكولاي تانايېۋ يېڭى يىلنىڭ ئالدىدا بىر مەخپىي يىغىن ئۇيۇشتۇرۇپ، قىرغىزىستان ئالىي كېڭەش پارلامېنتىدىكى ئۆكتىچى پارلامېنت ئەزالىرىنى يوق قىلىشقا يوشۇرۇن بۇيرۇق بەرگەنلىكى پاش قىلىنغان. بۇ خەۋەر قىرغىزىستاندا دەرھال كۈچلۈك ئىنكاس پەيدا قىلدى. بۇ ھەقتە قىرغىزىستاندىكى ئىختىيارى مۇخبىرىمىز تۇرسۇن ئىسلام تەپسىلىي مەلۇمات بېرىدۇ.