قىرغىزىستان پارلامېنت سايلىمى
2007.12.15
يەكشەنبە كۈنى، قىرغىزىستاندا پارلامېنت سايلىمى ئۆتكۈزۈلمەكچى. قىرغىزىستان پرېزىدېنتى قۇرمانبېك باقىيىفنىڭ ئاقيول پارتىيىسى، سابىق قىرغىزىستان باش مىنىستىرى ئالماس بېك ئاتامبايىف رەھبەرلىگىدىكى سوتسىيال دېموكرات پارتىيىسى ۋە قىرغىزىستاننىڭ سابىق پارلامېنت رەئىسى ئۆمەربېك تېكەبايىفنىڭ رەھبەرلىگىدىكى ئاتا ماكان پارتىيىسى بۇ قېتىمقى پارلامېنت سايلىمىغا قاتناشقان ئەڭ كۈچلۈك پارتىيىلەر ھېسابلىنىدىكەن.
گەرچە پرېزىدېنت باقىيېف ھۆكۈمىتى، پارلامېنت سايلىمىنىڭ خەلقئارا ئۆلچەملەرگە مۇۋاپىق ھالدا، دېموكراتىك ۋە ئادالەتلىك بىر سايلام بولىدىغانلىقىنى بايان قىلغان بولسىمۇ، ئەمما قىرغىزىستاندىكى سىياسىي ئۆكتىچى پارتىيىلەر، پرېزىدېنت باقىيېف ئۆزىنىڭ سىياسىي رەقىبلىرىنى پارلامېنتتىن تازىلاش ئۈچۈن، سايلام نەتىجىسىنى ئۆزگەرتىۋېتىشى مۇمكىن، دېيىشمەكتە.
نۇرغۇن كىشىلەر، پرېزىدېنت باقيېفنى، ئۇزۇندىن بېرى ئوتتۇرا ئاسىيادىكى ئەڭ دېموكراتىك دۆلەت دەپ قارىلىپ كەلگەن قىرغىزىستاندىكى ھاكىمىيەتنى بارغانسىرى، مۇستەبىت بىر ھاكىمىيەتكە ئايلاندۇرۇشقا تىرىشماقتا، دەپ ئەيىبلىمەكتە. ئەمما پرېزىدېنت باقىيېف ئۆتكەن پەيشەنبە كۈنى بەرگەن باياناتىدا، بۇ قېتىمقى پارلامېنت سايلىمىنىڭ ئادالەتلىك بىر سايلام بولۇشىغا كاپالەتلىك قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.
لېكىن، قىرغىزىستاندىكى سىياسىي ئۆكتىچى گۇرۇپپىلار، يەرلىك ھۆكۈمەت دائىرىلىرىنىڭ پارلامېنت سايلىمىغا تەييارلىق پائالىيەتلىرى جەريانىدا، پرېزىدېنت باقىيىفنىڭ ئاقيول پارتىيىسىگە ئاۋاز بېرىشى ئۈچۈن، پۇقرالارغا بېسىم ئىشلەتكەنلىكىنى، بايان قىلماقتا.
2005- يىلى قىرغىزىستان ئۆتكۈزۈلگەن پارلامېنت سايلىمىدا، پرېزىدېنت ئاقايىف تەرەپدارلىرىنىڭ سايلام نەتىجىسىنى ئۆزگەرتىشكە تىرىشىشى، ھۆكۈمەتكە قارشى كەڭ كۆلەملىك نارازىلىق نامايىشلىرىنىڭ ئۆتكۈزۈلىشىگە ۋە ئاخىرىدا پرېزىدېنت ئاقايىف ھاكىمىيىتىنىڭ گۇمران بولۇشىغا سەۋەب بولغان ئىدى. (ئۆمەر قانات)
مۇناسىۋەتلىك ماقالىلار
- مەركىزى ئاسىيا ئىقتىسادى ھەمكارلىق گەۋدىسىگە ئەزا دۆلەتلەرنىڭ باش مىنىستىرلىرى دۈشەنبىدە ئۇچراشتى
- پرېزىدېنت باقىيېف قىرغىزىستان پارلامېنتىنى تارقىتىۋېتىش بۇيرۇقى چۈشۈردى
- قىرغىزىستاننىڭ نارىن ئوبلاستىدىكى پۇقرالار خىتاي ئالتۇن قازغۇچىلىرىدىن نارازى بولدى
- قىرغىزىستاندا ئۇيغۇرلار روزا ھېيت بايرىمىنى قىزغىن كۈتۈۋالدى
- قىرغىزىستان پرېزىدېنتىنىڭ كېلىشتۈرگۈچى ۋەكىلى خىتاي كۆمۈرچىلىك كارخانىلىرىنى ئەيىبلىدى
- خىتاي ھەربىي دائىرىلىرى رۇسىيە-خىتاي بىرلەشمە مانېۋىرغا قاتناشقانلارنى مۇكاپاتلىدى
- قازاقىستان پارلامېنت سايلىمى ئاخىرلاشتى
- شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتىغا ئەزا دۆلەت باشلىقلىرىنىڭ ئالىي دەرىجىلىك ئۇچرىشىشى بىشكەكتە باشلاندى
- "بىشكەكتە ئۇيغۇر تىجارەتچىلەر تۇتقۇن قىلىنماقتا"
- شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتىغا ئەزا دۆلەت باشلىقلىرى، يېڭى كېلىشىملەر ئىمزالىماقچى