قىرغىزىستاندا پارلامېنت سايلىمى ئۆتكۈزۈلدى


2007.12.16

قىرغىزىستان جۇمھۇرىيىتى 16- دېكابىر كۈنى پارلامېنت سايلىمى ئۆتكۈزدى. پۈتۈن مەملىكەت بويىچە بىردەك بېلەت تاشلاش بىلەن ئۆتكۈزۈلگەن بۇ سايلامغا 12 پارتىيە ئۆز نامزاتلىرىنى قاتناشتۇرغان بولۇپ، ئۇلار قىرغىزىستان پارلامېنتىنىڭ 90 كىشىلىك ئورنىنى تالىشىدۇ. 2 مىليون 700 مىڭدىن ئارتۇق ئادەمنىڭ بېلەت تاشلىشى پەرەز قىلىنغان بولسىمۇ، بىراق يەكشەنبە كۈنى مەركىزىي سايلام كومىتېتى كەچ سائەت 8 غىچە بولغان ئارىلىقتا بېلەت تاشلىغۇچىلارنىڭ ئومۇمىي سانىنىڭ %61 نىڭ سايلامغا قاتناشقانلىقىنى مەلۇم قىلغان.

قىرغىزىستاننىڭ "قابار" ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋىرىدىن قارىغاندا، سايلامنى خەلقئارالىق تەشكىلاتلاردىن ياۋروپا بىخەتەرلىك ۋە ھەمكارلىق تەشكىلاتى، مۇستەقىل دۆلەتلەر ھەمدوستلۇقى ھەم شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتىنىڭ 600 دىن ئارتۇق كۆزەتكۈچىسى كۆزەتكەن. قىرغىزىستان ئۆزى بولسا 3000 دىن ئارتۇق كۆزەتكۈچى ئاجرىتىپ، پۈتۈن سايلامنىڭ ئومۇمىي ئەھۋالىنى كۆزىتىپ تۇرغان.

ھازىرچە، قايسى پارتىيىنىڭ غەلىبە قىلىشى ئېنىق ئەمەس، لېكىن كۆپىنچە كۆزەتكۈچىلەر پرېزىدېنت قۇرمانبېك باقىيېفنىڭ" ئاق جول" پارتىيىسىنىڭ غەلىبە قىلىش ئېھتىماللىقىنىڭ زورلۇقىنى بىلدۈرۈشمەكتە. بىراق، ئۆكتىچىلەر ئارىسىدا باقىيېفنىڭ پارتىيىسىنىڭ سايلام قانۇنى ۋە ئۆلچەملىرىگە خىلاپلىق قىلىدىغانلىقىنى ئالدىن ئالا تەنقىد قىلىشقان.

بۇ يىلنىڭ بېشىدا قىرغىزىستاندا كەڭ كۆلەملىك ئۆكتىچىلەر نامايىشى بولۇپ، ئۆكتىچىلەر باقىيېفنى مۇستەبىتلىك بىلەن ئەيىبلىگەن ھەتتا ئۇنىڭ ئىستىپا بېرىشىنى تەلەپ قىلغان ئىدى. بۇ يىل 10- ئايدا بولسا، باقىيېف پارلامېنتى تارقىتىپ، يېڭى ئاساسىي قانۇن بويىچە سايلام ئۆتكۈزۈلىدىغانلىقىنى جاكارلىغان ئىدى.

خەۋەرلەردىن قارىغاندا، بۇ قېتىم ئاز سانلىق مىللەتلەرنىڭمۇ ئۆز ۋەكىلىنى سايلام ئارقىلىق پارلامېنتقا كىرگۈزۈش سالاھىيىتى بېرىلگەن بولۇپ، ئۇيغۇر، ئۆزبېك قاتارلىق مىللەتلەردىن بولغان نامزاتلار سايلامغا چۈشكەن، ئەمما ھازىرچە ئۇنىڭ تېخى نەتىجىسى يوق. (ئۈمىدۋار)

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.