قىرغىزىستاندا سايلام خۇلاسىسى چىقتى


2007.12.17

16 - دېكابىر قىرغىزىستاندا ئېلىپ بېرىلغان پارلامېنت سايلىمىدا قىرغىزىستان پرېزىدېنتى قۇرمانبېك باقىيېفنىڭ "ئاق جول" پارتىيىسى ئۈستۈنلۈكنى ئىگىلىگەن بولسىمۇ، ئەمما سايلام نەتىجىسى غەرب ئەللىرىدىن كەلگەن سايلام كۆزەتچىلىرى ۋە رىقابەتچى پارتىيىنىڭ ئەيىبلىشىگە ئۇچرىغان.

سايلامنىڭ ئاخىرقى نەتىجىسى 17- چېسلا دۈشەنبە كۈنى ئېلان قىلغان بولۇپ، مەلۇم بولۇشىچە، قىرغىزىستان پرېزىدېنتى قۇرمانبېك باقىيېفنىڭ "ئاق جول" پارتىيىسى پارلامېنتتىكى بارلىق ئورۇنغا ئېرىشكەن.

رويتېرستا بۇ ھەقتە بېرىلگەن خەۋەردە كۆرسىتىلىشىچە، "ئاق جول" پارتىيىسىنىڭ پارلامېنتتىكى 90 ئورۇننىڭ ھەممىسىگە ئېرىشىشى، قىرغىزىستاننى بىر پارتىيە ئىدارە قىلىدىغان دەۋرىگە باشلاپ كىرىپ، قىرغىزىستاننىڭ باشقا مۇستەبىت ئوتتۇرا ئاسىيە ئەللىرى ئىچىدىكى ئەڭ دېموكراتىك دۆلەت سۈپىتىدە مەۋجۇد بولۇپ تۇرۇش ئورنىغا خاتىمە بېرىدىكەن.

خەۋەردە كۆرسىتىشىچە يەنە، سايلامنى كۆزىتىش ئۈچۈن خەلقئارالىق تەشكىلاتلاردىن ياۋروپا بىخەتەرلىك ۋە ھەمكارلىق تەشكىلاتى 250 نەپەر خادىمدىن تەشكىللەنگەن بىر ئۆمەك ئەۋەتكەن بولۇپ، مەزكۇر ئۆمەكنىڭ باشلىقى كىممو كىلجۇنەننىڭ بىلدۈرۈشىچە، سايلام نەتىجىسى قىرغىزىستاننىڭ خەلقئارا ئۆلچەملەرگە سادىق بولۇش جەھەتتە ئۆزىنى ئىسپاتلاش پۇرسىتىدىن مەھرۇم قالغانلىقىدىن دېرەك بېرىدىكەن.

كىممو كىلجۇنەن مۇنداق دېگەن: "پارلامېنت سايلىمى تەشكىلاتىمىزغا بەرگەن بىرى نەچچە ۋەدىسىنى ساقلىمىدى. سايلامدا يۈز بەرگەن چېكىنىش ئەھۋالىدىن مەن شەخسەن بەك ئۈمىدسىزلەندىم."

مەلۇم بولۇشىچە، ھازىرغىچە 80 پىرسەنت بىلەت سانىلىپ بولغان بولۇپ، بۇنىڭدا "ئاق جول" پارتىيىسى 48 پىرسەنت ئاۋازغا، "ئاتا ماكان" پارتىيىسى 9.2 ئاۋازغا، "سوتسىيال دېموكراتلار" پارتىيىسى 7.7 ئاۋازغا ئېرىشكەن. گەرچە "ئاتا ماكان" پارتىيىسى پارلامېنتتا ئورۇنغا ئېرىشىدىغان 5 ئۆلچەمگە توشقان بولسىمۇ، ئەمما قىرغىزىستاننىڭ باشقا رايونلىرىنىڭ ئۆلچەملىرىگە توشمىغان.

رويتېرستا كۆرسىتىلىشىچە، "ئاتا ماكان" پارتىيىسى ئەزاسى قۇباتبېك بابولوف: " ھۆكۈمەت بەك رەزىللىك قىلىپ ئۆز يېقىنلىرىنى پارلامېنتقا كىرگۈزدى. بۇ كېيىن ئاۋارىچىلىك تۇغدۇرىدۇ" دېگەن ئۇن يەنە بۇ سايلامدىن خەلق خۇددى ئالدانغاندەك تۇيغۇغا كېلىپ قالغانلىقىنى تەكىتلىگەن.

ۋەھالەنكى، سايلام ھەققىدە تالاش-تارت ئىشلاردىن كۆرە، نۇرغۇن كىشىلەر ئۆزلىرىنىڭ "ئاق جول" پارتىيىسى دۆلەتكە مۇقىملىق ئېلىپ كېلىدۇ دەپ ئىشەنچ باغلاپ، مەزكۇر پارتىيىگە بېلەت تاشلىغانلىقىنى بىلدۈرگەن. (جۈمە)

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.