ي ب ھ ت قىرغىزىستان دائىرىلىرىنىڭ ئۆكتىچىلەرنى باستۇرغانلىقىنى ئەيىبلىدى


2007.12.25

ياۋروپا بىخەتەرلىك - ھەمكارلىق تەشكىلاتى قىرغىزىستان دائىرىلىرىنىڭ ئۆتكەن ھەپتىدىكى قىرغىزىستان پارلامېنت سايلىمىغا نارازى بولغان ئۆكتىچى گۇرۇھلارغا " چېكىدىن ئاشقان كۈچ قوللانغانلىقى "نى ئەيىبلىدى.

قىرغىزىستاندىكى سايلامدا پارلامېنتتىكى ئورۇننىڭ مۇتلەق كۆپ قىسىمىنى پرېزىدېنت قۇرمانبېك باقىيېفنىڭ ئاقجول پارتىيىسى ئۇتقان بولۇپ، ئۆكتىچى پارتىيە - گۇرۇھلاردىن ئاتا ماكان پارتىيىسى سايلامدا 2 - پارتىيە بولۇپ چىققان بولسىمۇ، لېكىن پارلامېنتقا كىرەلمىگەن ئىدى. ئۆكتىچى پارتىيە - گۇرۇھلار قۇرمانبېك باقىيېف ھۆكۈمىتىنى سايلامدا ساختىپەزلىك قىلىش بىلەن ئەيىبلىمەكتە. ياۋروپا بىخەتەرلىك - ھەمكارلىق تەشكىلاتى دۈشەنبە كۈنى ئېلان قىلغان باياناتىدا قىرغىزىستاندىكى سايلامنىڭ دېموكراتىك ئۆلچەمگە توشمىغانلىقىنى بىلدۈردى.

ساقچىلار سايلام نەتىجىسىگە نارازى بولۇپ نامايىش قىلغان ئۆكتىچى پارتىيە ئەزالىرى ۋە كىشىلىك ھوقۇق پائالىيەتچىلىرىنى باستۇرغان ۋە بەزى نامايىشچىلارنى تۇتقۇن قىلغان. ياۋروپا بىخەتەرلىك ‏- ھەمكارلىق تەشكىلاتى باياناتىدا مەزكۇر ئورگاننىڭ بېشكەكتىكى مەركىزىنىڭ رەھبىرى ساقچىلارنىڭ چېكىدىن ئاشقان كۈچ قوللانغانلىقى، قوپاللىقى ۋە ئاممىۋى تەشكىلاتلار، كىشىلىك ھوقۇق پائالىيەتچىلىرىنى ئادالەتسىزلىك بىلەن تۇتقۇن قىلغانلىقى سايلام تەرتىپىگە ئۇيغۇن كەلمەيدىغان ھەرىكەت، دەپ قارىلىدىغانلىقىنى ئىلگىرى سۈرگەن.

قىرغىزىستان ئۇزۇن يىللاردىن بېرى ئوتتۇرا ئاسىيادىكى نىسبەتەن دېموكراتىك دۆلەت، دەپ قارىلىپ كەلمەكتە ئىدى. لېكىن ئۆتكەن ھەپتىدىكى سايلام قىرغىزىستاننىڭ بۇ ئوبرازىنى يەر بىلەن يەكسان قىلدى. رويتېرس ئاخبارات ئاگېنتلىقىنىڭ ئەسكەرتىشىچە، ياۋروپا بىخەتەرلىك ‏- ھەمكارلىق تەشكىلاتىنىڭ ئەمەلدارى ماركۇس ميۇللېر، قىرغىزىستان دائىرىلىرىدىن ۋەزىيەتنى ياخشىلايدىغان قەدەملەرنى بېسىشنى تەلەپ قىلغان. (ئەقىدە)

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.