بېشكەكتىكى بۇلاڭ- تالاڭدا ئون نەچچە ئۇيغۇر يارىلاندى


2005.03.27

خىتاينىڭ بېشكەكتە تۇرۇشلۇق باش ئەلچىخانىسىنىڭ يەكشەنبە كۈنى بىلدۈرۈشىچە، قىرغىزىستاندىكى " سىياسىي ئۆزگىرىش" تىن كېيىن، بېشكەك شەھىرىدە يۈز بەرگەن بۇلاڭ- تالاڭ قىلىش ۋەقەلىرىدە ئۇيغۇر ئېلىدىن بارغان ئون نەچچە ئۇيغۇر تىجارەتچى يارىلاندى. ئۇلارنىڭ ئىچىدىكى تۆتى دوختۇرخانىغا ئېلىپ كېتىلگەن بولۇپ، ئىككىسىنىڭ ئەھۋالى ئالاھىدە ئېغىر ئىكەن.

خىتاي مەتبۇئاتلىرىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، بۇ ئۇيغۇر تىجارەتچىلىرى ئاساسلىقى بېشكەكتىكى مەدىنە سودا مەركىزىدە ئۆتكەن پەيشەنبە كۈنى يۈز بەرگەن بۇلاڭ - تالاڭدا يارىلانغان. خىتاي ئەلچىخانىسى يارىلانغان بۇ ئۇيغۇر تىجارەتچىلىرىنى قانداق ئورۇنلاشتۇرىدىغانلىقىنى بىلدۈرمىدى. بىراق، بارلىق خىتاي پۇقرالىرىنى يالغۇز سىرتقا چىقماسلىققا، بىخەتەرلىككە دىققەت قىلىشقا چاقىردى.

خىتاي ئەلچىخانىسىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، ئۇلار نۆۋەتتە خىتايغا قايتىشنى ئىلتىماس قىلغان بىر قىسىم پۇقرالىرىنى قايتۇرۇپ كېلىش ئۈچۈن، مەخسۇس ئايروپىلان ئورۇنلاشتۇرۇشقا ھەرىكەت قىلىۋاتقان ئىكەن.

خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ مەلۇماتلىرىغا قارىغاندا، قىرغىزىستاندا خىتاينىڭ 10 مىڭدەك پۇقراسى بار بولۇپ، بۇنىڭ ئىچىدە ئىككى مىڭدەكى ئۇيغۇرلاردىن ئىبارەت ئىكەن.

24 - مارت كۈنى قىرغىزىستاندا ھۆكۈمەت ئۆزگىرىشى يۈز بېرىپ، ھاكىمىيەت ئۆكتىچىلەرنىڭ قولىغا ئۆتكەندىن كىيىن، بېشكەكتە بىر نەچچە كۈندىن بويان داۋاملاشقان بۇلاڭ- تالاڭ ۋەقەلىرىدە، ئۇيغۇر سودىگەرلىرىمۇ بۇلاڭ - تالاڭ قىلىنىش ئوبېكتىغا ئايلىنىپ، ئۇلارنىڭ نەچچە مىليون دوللارلىق مال - مۈلكى زىيانغا ئۇچرىغانلىقى بىلدۈرۈلمەكتە. (ئارزۇ)

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.