قىرغىزىستاندىكى ئۇيغۇر سودىگەرلىرى ئىگىسىز قىلىۋاتىدۇ
2005.03.28
ئۆتكەن ھەپتە قىرغىزىستاندا پرېزىدېنت ئەسقەر ئاقايوف ھاكىمىيىتىنىڭ ئاغدۇرۇلىشى جەريانىدا بېشكەكتە يۈز بەرگەن بۇلاڭ- تالاڭدا زىيانكەشلىككە ئۇچرىغان سودىگەرلەر ئاستا- ئاستا ئىشلىرىنى قايتىدىن باشلاش ئۈچۈن تەييارلىق كۆرىۋاتىدۇ. لېكىن ئىگىسىز قالغان ئۇيغۇر سودىگەرلىرى تېخى نېمە قىلارىنى بىلمەيۋاتىدۇ.
فرانسىيە ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، ئەسقەر ئاقايوف ھاكىمىيىتى 27 - مارت كۈنى گۇمران بولغاندىن كېيىن، قىرغىزىستاننىڭ ۋاقىتلىق پرېزىدېنتى قۇرمانبىك باقىيېف، قىرغىزىستاندىكى ۋەقەلەردىن ئەندىشىلەنگەن قىرغىزىستاندا ياشاۋاتقان رۇس ۋە ئۆزبەكلەرنىڭ بىخەتەرلىكى ۋە ھەق- ھوقۇقلىرىغا كاپالەتلىك قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈرۈپ، ئۇلارنى خاتىر جەم قىلىشقا تىرىشتى. شۇڭا قىرغىزىستاندىكى سودىگەرلەر بۇلاڭ- تالاڭ جەريانىدا چېقىۋىتىلگەن دۇكانلىرىنىڭ دەرىزىلىرىنى قايتىدىن سالدۇرۇپ، تىجارىتىنى قايتىدىن باشلاش ئۈچۈن تەييارلىق كۆرمەكتە. ئەمما قىرغىزىستاندا تىجارەت قىلىۋاتقان ئۇيغۇرلار بۇنداق كاپالەتكە ئىگە بولمىغانلىقى ئۈچۈن نېمە قېلىش توغرىسىدا تېخى بىر قارار بەرمىگەن.
فرانسىيە ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، ھەتتا بېشكەكتە يۈز بەرگەن بۇلاڭ - تالاڭ جەريانىدا، ئاساسەن ئۇيغۇر سودىگەرلىرى جايلاشقان مەدىنە بازىرىغا كەلگەن نەچچە مىڭ قىرغىز ياش، "قىرغىزلار بۇ تەرپكە ئۆتۈڭلار، بىز ئۇيغۇرلارنى ئۇرغىلى كەلدۇق، ئۇيغۇرلار ۋەتىنىگە قايتىپ كەتسۇن" دەپ ۋاقىرىغان.
مەدىنە بازىرىدىكى ئۇيغۇر سودىگەرلىرى، دۇكانلىرىنى قىرغىز بۇلاڭچىلىرىدىن قوغداشقا تىرىشقان، لېكىن بۇلاڭچىلارنىڭ سانى ناھايىتى كۆپ بولغانلىقتىن، ئۇيغۇر سودىگەرلىرى ئاجىز كېلىپ قالغان.
بۇ ئارىدا، قىرغىزىستاندىكى ۋەقەلەردىن كېيىن خىتاي ھۆكۈمىتى تەرىپىدىن تورغات چېگرا پونكىتىدىكى قاتتىق بىخەتەرلىك تەدبىرلىرى داۋاملاشماقتا. ئەمما فرانسىيە ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، چېگرا پونكىتى تاقالمىغان بولۇپ، كىرىش -چىقىشقا رۇخسەت قىلىنماقتا. (قانات)