0:00 / 0:00
قىرغىزىستان جۇمھۇرىيىتىنىڭ چۇ ۋىلايىتى كەڭبۇلۇڭ يېزىسى ئۇيغۇرلار زىچ ئولتۇراقلاشقان جايلارنىڭ بىرى بولۇپ ھېسابلىنىدۇ. يېقىندا كەڭبۇلۇڭ يېزىسىدىكى ئۇيغۇر پۇقرالىرى مەزكۇر يېزا تارىخىدىكى تۇنجى ئۇيغۇر سىنىپىنىڭ قۇرۇلۇش مۇراسىمىنى ئۆتكۈزدى. مۇراسىمغا قىرغىزىستان ئۇيغۇر ئىتتىپاقىنىڭ رەھبەرلىرى كېلىپ قاتناشقان.
يۇقىرىدىكى ئۇلىنىشتىن، قىرغىزىستاندىكى ئىختىيارى مۇخبىرىمىز تۇرسۇن ئىسلامنىڭ بۇ ۋەقە توغرىسىدىكى مەلۇماتىنى ئاڭلايسىز.